15 پۇتلىرى ئوچاقتا تاۋلىنىپ پارقىرىغان تۇچقا ئوخشايتتى، ئاۋازى شارقىراپ ئېقىۋاتقان سۇنىڭ شاۋقۇنىدەك ئىدى.
قارىسام، ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدانىڭ پارلاق نۇرى شەرقتىن كېلىۋېتىپتۇ. ئۇنىڭدىن دېڭىز شاۋقۇنىدەك كۈچلۈك ئاۋاز چىقاتتى. زېمىنمۇ خۇدانىڭ پارلاق نۇرىدىن جۇلالانغانىدى.
ئۇنىڭ تېنى سېرىق ياقۇتتەك جۇلالىنىپ، يۈزلىرى چاقماقتەك يالتىراپ تۇراتتى. كۆزلىرى ئوتتەك چاقنايتتى. پۇت-قوللىرى پارقىراق تۇچتەك ۋالىلدايتتى. ئاۋازى بىر توپ ئادەمنىڭ ئاۋازىدەك گۈلدۈرمامىلىق ئىدى.
ئاسماندىن خۇددى شارقىراپ ئېقىۋاتقان سۇلارنىڭ ۋە گۈلدۈرمامىنىڭ قاتتىق گۈلدۈرلىشىدەك بىر ئاۋازنى ئاڭلىدىم. مەن ئاڭلىغان ئاۋاز يەنە چىلتارچىلار ئورۇندىغان نەغمە ئاۋازىغىمۇ ئوخشايتتى.
ئاندىن، سۇلارنىڭ شارقىرىشىغا، قاتتىق گۈلدۈرمامىنىڭ گۈلدۈرلىشىگە ۋە نۇرغۇن خالايىقنىڭ ئاۋازىغا ئوخشاش بىر ئاۋازنى ئاڭلىدىم. ئۇلار: «ھەمدۇسانا! ھەممىگە قادىر پەرۋەردىگارىمىز خۇدا ھۆكۈمراندۇر.
- تىياتىرادىكى ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىنىڭ پەرىشتىسىگە مۇنداق ياز:«خۇدانىڭ كۆزلىرى يالقۇنلىغان ئوتقا ۋە پۇتلىرى پارقىراق تۇچقا ئوخشايدىغان ئوغلى مۇنداق دەيدۇ:
دېڭىزلارنىڭ گۈلدۈرلەشلىرىدىن، دولقۇنلارنىڭ يۇلقۇنۇشلىرىدىن، قۇدرەتلىكتۇر ئەرشتىكى پەرۋەردىگار.
ئۇلارنىڭ پاچاقلىرى تۈز، پۇتلىرى موزاي تۇياقلىرىدەك بولۇپ، پۇتلىرى خۇددى پارقىرىتىلغان تۇچتەك يالتىرايتتى.
ئۇ مېنى ئاشۇ يەرگە ئېلىپ باردى. قارىسام، دەرۋازىنىڭ ئالدىدا تۇچتەك پارقىراق بىر ئادەم تۇرۇپتۇ. ئۇنىڭ قولىدا زىغىر تانىدىن ۋە تاياقتىن ياسالغان ئىككى ئۆلچىگۈچ بار ئىدى.
گەرچە ئۇلار دېڭىز شاۋقۇنىدەك سۈرەن سېلىپ كەلسىمۇ، خۇدانىڭ ئەيىبلىشى بىلەن يىراقلارغا قېچىپ كېتىدۇ. ئۇلار خۇددى ئېدىرلىقتا شامال ئۇچۇرغان ساماندەك، بوران ئۇچۇرغان توزاندەك قېچىپ كېتىدۇ.
ئۇلار ئۇچقان ۋاقتىدا، قاناتلىرىدىن دېڭىز شاۋقۇنىدەك كۈچلۈك ئاۋاز چىقاتتى. ئۇ ئاۋاز خۇددى ھەممىگە قادىر خۇدانىڭ ئاۋازىغا ياكى بىر قوشۇندىن چىققان شاۋقۇن-سۈرەنگە ئوخشايتتى. مەخلۇقلار توختىغاندا، قاناتلىرىنى يىغاتتى.
ئاندىن كېيىن، ئەرشتىن چۈشۈۋاتقان يەنە بىر كۈچلۈك پەرىشتىنى كۆردۈم. ئۇ بىر پارچە بۇلۇتنى يېپىنغان بولۇپ، بېشىنىڭ ئۈستىدە بىر ھەسەن-ھۈسەن بار ئىدى. يۈزى قۇياشقا، پۇتلىرى بولسا ئوت تۈۋرۈكىگە ئوخشايتتى.