14 ئۇنىڭ چېچى ئاق يۇڭ ۋە قاردەك ئاپئاق ئىدى. كۆزلىرى گويا يالقۇنلاپ تۇرغان ئوتتەك ئىدى.
ئۇنىڭ تېنى سېرىق ياقۇتتەك جۇلالىنىپ، يۈزلىرى چاقماقتەك يالتىراپ تۇراتتى. كۆزلىرى ئوتتەك چاقنايتتى. پۇت-قوللىرى پارقىراق تۇچتەك ۋالىلدايتتى. ئاۋازى بىر توپ ئادەمنىڭ ئاۋازىدەك گۈلدۈرمامىلىق ئىدى.
ئۇنىڭ كۆزلىرى يالقۇنلاپ تۇرغان ئوتقا ئوخشايتتى. بېشىدا نۇرغۇن تاجى بار بولۇپ، بەدىنىگە ئۆزىدىن باشقا ھېچكىم بىلمەيدىغان بىر ئىسىم يېزىلغانىدى.
مەن قاراپ تۇراتتىم، بىرقانچە تەختلەر ئۆز ئورۇنلىرىغا قويۇلدى. ئەزەلدىن مەۋجۇت بولغۇچى ئۆز تەختىدە ئولتۇردى. ئۇنىڭ كىيىملىرى قاردەك، چاچلىرى ئاق يۇڭدەك ئاپئاق ئىدى. ئۇنىڭ تەختى ئوت يالقۇنىدىن بولۇپ، كۆيۈۋاتقان چاقلارنىڭ ئۈستىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغانىدى.
- تىياتىرادىكى ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىنىڭ پەرىشتىسىگە مۇنداق ياز:«خۇدانىڭ كۆزلىرى يالقۇنلىغان ئوتقا ۋە پۇتلىرى پارقىراق تۇچقا ئوخشايدىغان ئوغلى مۇنداق دەيدۇ:
پەرىشتىنىڭ قىياپىتى چاقماقتەك، كىيىملىرى قاردەك ئاپئاق ئىدى.