Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ۋەھىيلەر 1:13 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

13 ۋە ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئۇچىسىدىكى تونى ئوشۇقىغىچە چۈشۈپ تۇرىدىغان، كۆكسىگە ئالتۇن كەمەر باغلىغان ئىنسانئوغلىغا ئوخشايدىغان بىرى كۆرۈندى.

Gade chapit la Kopi




ۋەھىيلەر 1:13
15 Referans Kwoze  

چۈشۈمدە ئىنسانئوغلىغا ئوخشايدىغان بىرسىنىڭ ئەزەلدىن مەۋجۇت بولغۇچىنىڭ ھۇزۇرىغا بۇلۇتلاردا كېلىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم. ئۇ ئەزەلدىن مەۋجۇت بولغۇچىنىڭ ھۇزۇرىغا باشلاپ كىرىلدى.


ئادەمگە ئوخشايدىغان بۇ پەرىشتە لەۋلىرىمنى سىلاپ قويدى. مەن ئۇنىڭغا: _ ھەزرىتىم، بۇ غايىبانە ئالامەتتىن ۋۇجۇدۇم تىترەپ، ماجالىم قالمىدى.


يەتتە خىل بالايىئاپەتنى ئۆز ئىلكىدە تۇتقان يەتتە پەرىشتە پاكىز ھەم پارقىراپ تۇرىدىغان كەندىر رەختتىن تون كىيگەن، كۆكسىگە ئالتۇن كەمەر باغلىغان ھالدا ئىبادەتخانىدىن چىقتى.


ئۇنىڭدىن كېيىن، بىر پارچە ئاق بۇلۇتنى كۆردۈم. بۇلۇتنىڭ ئۈستىدە بېشىغا ئالتۇن تاج كىيگەن، قولىدا ئۆتكۈر بىر ئورغاق تۇتقان، ئىنسانئوغلىغا ئوخشايدىغان بىرى ئولتۇراتتى.


ئۇنىڭدىن كېيىن ھارۇنغا تونچە كۆڭلەك كىيدۈرۈپ، بېلىگە پوتا باغلىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە پەرىجەنى كىيدۈرۈپ، پەرتۇقنى تاقىدى ۋە ئۇنى ئۆزىنىڭ تاسمىسى بىلەن چىڭىتتى.


مەن قاراپ تۇراتتىم، بىرقانچە تەختلەر ئۆز ئورۇنلىرىغا قويۇلدى. ئەزەلدىن مەۋجۇت بولغۇچى ئۆز تەختىدە ئولتۇردى. ئۇنىڭ كىيىملىرى قاردەك، چاچلىرى ئاق يۇڭدەك ئاپئاق ئىدى. ئۇنىڭ تەختى ئوت يالقۇنىدىن بولۇپ، كۆيۈۋاتقان چاقلارنىڭ ئۈستىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغانىدى.


ھەققانىيلىق ئۇنىڭ كەمىرىدۇر، سادىقلىق ئۇنىڭ بەلبىغىدۇر.


چۈنكى، بىزنىڭ بۇ باش روھانىيىمىز ئاجىزلىقلىرىمىزغا ھېسداشلىق قىلماي قالمايدۇ. ئۇمۇ بىزگە ئوخشاش ھەر خىل سىناقلارغا دۇچ كەلگەن، لېكىن گۇناھ سادىر قىلىپ باقمىغاندۇر.


پەرتۇقنىڭ بەل تاسمىسىنى پەرتۇققا ئوخشاش ئېسىل زىغىر رەختتىن تىكىپ، ئۇنى زەر يىپ، كۆك، سۆسۈن ۋە توق قىزىل رەڭلىك يۇڭ يىپلار بىلەن كەشتىلەپ، پەرتۇققا ئۇلىدى. بۇلارنىڭ ھەممىسىنى پەرۋەردىگارنىڭ مۇساغا ئەمر قىلغىنى بويىچە قىلدى.


- ئەفەستىكى ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىنىڭ پەرىشتىسىگە مۇنداق ياز:«ئوڭ قولىدا يەتتە يۇلتۇزنى تۇتۇپ، يەتتە ئالتۇن چىراغداننىڭ ئوتتۇرىسىدا ماڭغۇچى مۇنداق دەيدۇ:


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite