Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ۋەھىيلەر 1:10 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

10 رەببىمىزنىڭ كۈنىدە مۇقەددەس روھنىڭ مېنى ئىلكىگە ئېلىشى بىلەن، كەينىمدىن كەلگەن كاناي ئاۋازىغا ئوخشاپ كېتىدىغان ئۈنلۈك بىر ئاۋازنى ئاڭلىدىم.

Gade chapit la Kopi




ۋەھىيلەر 1:10
13 Referans Kwoze  

ئاندىن، مۇقەددەس روھنىڭ مېنى ئۆز ئىلكىگە ئېلىشى بىلەن، پەرىشتە مېنى چوڭ ۋە ئېگىز بىر تاغقا ئېلىپ چىقتى. ئۇ يەردىن ماڭا ئەرشتىن خۇدا نازىل قىلغان مۇقەددەس شەھەر يېرۇسالېمنىڭ چۈشۈۋاتقانلىقىنى كۆرسەتتى.


ئۇنىڭدىن كېيىن، پەرىشتە مېنى بىر چۆلگە ئېلىپ كەتتى. شۇ چاغدا، مۇقەددەس روھ مېنى ئۆز ئىلكىگە ئالغانىدى. ئۇ يەردە يەتتە باشلىق، ئون مۈڭگۈزلۈك، پۈتۈن ئەزايىنى كۇپۇرلۇق ناملىرى قاپلىغان بىر توق قىزىل دىۋىنىڭ ئۈستىدە ئولتۇرغان بىر ئايالنى كۆردۈم.


يەكشەنبە كۈنى، بىز ناننى بۆلۈشۈپ، ھەزرىتى ئەيسانى خاتىرىلەش ئۈچۈن بىر يەرگە جەم بولدۇق. پاۋلۇس ئەتىسى كەتمەكچى بولغاچقا، كۆپچىلىككە تۈن يېرىمگىچە تەلىم بەردى.


ھەر يەكشەنبە كۈنى، ھەربىرىڭلار ھەپتىلىك تاپاۋىتىڭلارغا قاراپ، ئۇنىڭ مەلۇم قىسمىنى ئىئانىگە ئاجرىتىپ توپلاڭلار. شۇنداق قىلساڭلار، يېنىڭلارغا بارغىنىمدا پۇل توپلىنىپ بولغان بولىدۇ.


شۇ يەكشەنبە كۈنى كەچتە، شاگىرتلار جەم بولغان يېرىدە يەھۇدىيلاردىن قورققانلىقىدىن ئۆينىڭ ئىشىكلىرىنى تاقىۋەتكەنىدى. شۇ پەيتتە، ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارنىڭ ئارىسىدا پەيدا بولۇپ، ئۆرە تۇرغان ھالدا ئۇلارغا: - ئامان بولۇڭلار! - دېدى


ھەزرىتى ئەيسا مۇنداق دېدى: - ئۇنداقتا، نېمە ئۈچۈن داۋۇت پادىشاھ مۇقەددەس روھنىڭ ئىلھامى بىلەن قۇتقۇزغۇچى- مەسىھنى «خوجايىنىم» دەپ ئاتايدۇ؟ داۋۇت زەبۇردا مۇنداق دېگەنغۇ:


بىر ھەپتىدىن كېيىن، شاگىرتلار يەنە شۇ ئۆيدە جەم بولغان بولۇپ، توماسمۇ ئۇلار بىلەن بىللە ئىدى. ئىشىكلەر تاقاقلىق بولسىمۇ، ھەزرىتى ئەيسا كىرىپ ئۇلارنىڭ ئارىسىدا تۇرۇپ: - ئامان بولۇڭلار! - دېدى.


تۆت ئەتراپقا نەزەر تاشلاپ، ئىسرائىللارنىڭ قەبىلە-قەبىلە بويىچە قارارگاھ قۇرغانلىقىنى كۆردى. خۇدانىڭ روھى ئۇنىڭغا چۈشتى،


شۇڭا، يەنە ئازدۇرۇلۇپ كەتمەسلىكىڭلار ئۈچۈن شۇنى بىلىشىڭلارنى خالايمەنكى، خۇدانىڭ روھىنىڭ يېتەكچىلىكىدە سۆزلىگەن ھەرقانداق كىشى: «ئەيساغا لەنەت!» دېمەيدۇ. مۇقەددەس روھنىڭ يېتەكچىلىكىسىزمۇ ھېچكىم: «ئەيسا مەسىھ مېنىڭ رەببىمدۇر» دېيەلمەيدۇ.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite