7 پەرۋەردىگار سۆزلىگەنىدى بۇلۇت تۈۋرۈكى ئىچىدىن ئۇلارغا، ئۇلار ئەمەل قىلىشتى خۇدا بەرگەن پەرز-پەرمانلارغا.
مۇسا چېدىرغا كىرىپ، پەرۋەردىگار بىلەن سۆزلەشكەندە، بۇلۇت تۈۋرۈكى پەسلەپ، ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ ئالدىدا تۇراتتى.
پەرۋەردىگار بۇلۇت تۈۋرۈكىنىڭ ئىچىدىن چۈشۈپ، چېدىرنىڭ كىرىش ئېغىزىنىڭ ئالدىدا تۇردى ۋە ھارۇن بىلەن مەريەمنى چاقىردى. ئۇلار ئالدىغا مېڭىشىغا،
مەن پەرۋەردىگارىم خۇدانىڭ ماڭا قىلغان ئەمرلىرى بويىچە، ئۇنىڭ قانۇن-نىزاملىرىنى سىلەرگە ئۆگەتتىم. ئۇلارنى سىلەر || ئىگىلىگەن | ئىگىلەيدىغان || زېمىنلاردا ئىجرا قىلىڭلار.
خۇددى مۇسا پەيغەمبەر خۇدانىڭ ئائىلىسىدە خىزمەت قىلغاندا خۇداغا سادىق بولغاندەك، ئەيسا مەسىھمۇ ئۆزىنى تەيىنلەپ خىزمەتكە قويغان خۇداغا سادىق بولدى.
پەرۋەردىگارنىڭ تەلىمىگە كىمكى قۇلاق سالمىسا، ئۇنىڭ دۇئالىرىمۇ يىرگىنچلىكتۇر ھەتتا.
زېمىننى زۇلمەت قىلسىمۇ قاراڭغۇلۇقىدا پەرۋەردىگار، ئۇنىڭ ئەمرىگە ئىتائەتسىزلىك قىلمىدى ئۇلار.
ئۇلارنىڭ ساڭا بولغان ساداقىتى ئېشىپ چۈشەر ئاتا-ئانا، قېرىنداش ۋە پەرزەنتلىرىگە بولغان ساداقىتىدىن. ئەمەل قىلدى ئۇلار ئەمرلىرىڭگە، چىڭ تۇرۇپ كەلدى سېنىڭ ئەھدەڭدە.
مۇسا بۇلارنىڭ ھەممىسىنى پەرۋەردىگارنىڭ ئەمر قىلغىنى بويىچە قىلدى.
پەرۋەردىگار مۇساغا: _ مەن قويۇق بۇلۇت ئىچىدە سېنىڭ يېنىڭغا كېلىمەن. سېنىڭ بىلەن قىلىشقان سۆھبىتىمىزنى خەلق ئاڭلىسۇن. شۇنىڭ بىلەن خەلق ساڭا مەڭگۈ ئىشىنىدۇ، _ دېدى. مۇسا ئىسرائىللارنىڭ جاۋابىنى پەرۋەردىگارغا يەتكۈزگەندىن كېيىن،
شۇنىڭ بىلەن مۇسا ناھايىتى ئاچچىقلاندى ۋە پەرۋەردىگارغا: _ ئۇلارنىڭ ھەرقانداق ھەدىيەلىرىنى قوبۇل قىلمىغىن. مەن ئۇلارنىڭ بىر تۇياق ئېشىكىنىمۇ ئېلىپ باقمىدىم ياكى ئۇلارنىڭ ھېچبىرىگە زىيانمۇ يەتكۈزمىدىم، _ دېدى.