6 مۇسا ۋە ھارۇنلار ئۇنىڭ روھانىيلىرىدىندۇر، سامۇئىلمۇ ئۇنىڭغا ئىلتىجا قىلغانلاردىندۇر. ئۇلار دۇئا قىلغاندا پەرۋەردىگارغا، بەرھەق ئۇ جاۋاب بەرگەنىدى ئۇلارغا.
پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى: _ ئەگەردە مۇسا بىلەن سامۇئىل ئالدىمدا تۇرۇپ، بۇ خەلق ئۈچۈن ماڭا ئىلتىجا قىلغان تەقدىردىمۇ، بۇ خەلققە ھېچقانداق مېھىر-شەپقەت كۆرسەتمەيتتىم. بۇ خەلق كەتسۇن! كۆزۈمدىن يوقالسۇن!
مۇسا پەرۋەردىگارغا يېلىنىپ تەلەپ قىلغانىدى، پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا بىر شاخنى كۆرسەتتى. ئۇ شاخنى سۇغا تاشلىغانىدى، بەتتەم سۇ ئىچكىلى بولىدىغان تاتلىق سۇغا ئايلاندى. پەرۋەردىگار ئۇلارنى سىناش ئۈچۈن، ئۇ يەردە ئۇلارغا قانۇن ۋە بەلگىلىمىلەرنى بېكىتتى.
پەرۋەردىگار مۇساغا: _ ماڭا يېلىنما! ئىسرائىللارغا: «مېڭىڭلار» دەپ بۇيرۇق قىل.
ئەتىسى مۇسا خەلققە: _ مەن يەنە تاغقا، پەرۋەردىگارنىڭ يېنىغا چىقىمەن. بەلكىم سىلەر پەرۋەردىگارنىڭ كەچۈرۈمىگە ئىگە بولالىشىڭلار مۇمكىن، _ دېدى.
شۇنىڭ بىلەن مۇسا پەرۋەردىگارغا يېلىنىپ: _ بۇ خەلقنى قانداق قىلاي؟ ئۇلار مېنى چالما-كېسەك قىلىپ ئۆلتۈرىدىغان يەرگە يەتتى، _ دېدى.