2 ھۆكۈمراندۇر سىئونغا پەرۋەردىگار، ئۇ بارلىق قوۋملار ئۈستىدىن ھۆكۈم سۈرەر.
بەرھەق، ئى پەرۋەردىگار، جاھانغا ھۆكۈمران ئۇلۇغ خۇدادۇرسەن، غەيرىي ئىلاھلاردىن شۇقەدەر ئۈستۈندۇرسەن.
فىلىستىيەلىكلەرنىڭ يېرۇسالېمغا ئەۋەتكەن ئەلچىلىرىگە قانداق جاۋاب بېرىلىدۇ؟ ‹پەرۋەردىگار سىئوننى مۇستەھكەم شەھەر قىلىپ قۇردى، ئۇنىڭ جاپاكەش خەلقى ئۇ يەردە پاناھلىق تاپىدۇ.›»
ئەي، سىئوندىكى پۇقرالار، ياڭرىتىڭلار بار ئاۋازىڭلار بىلەن شادلىق مەدھىيەسىنى، چۈنكى ئۇلۇغدۇر بىز ئىسرائىللارنى تاللىغان، بىز بىلەن بىللە بولىدىغان مۇقەددەس پەرۋەردىگار.»
ھۆكۈمرانلىق قىلار خۇدا بارچە ئىنسان ئۈستىدىن، شان-شەرىپى بۈيۈكتۇر، ئۈستۈن تۇرار پەلەكتىن.
ئۆز قۇدرىتى بىلەن مەڭگۈ ھۆكۈم سۈرىدۇ خۇدا، پۈتكۈل ئىنسان ئىشلىرى ئاياندۇر كۆز ئالدىدا. ئىتائەتسىزلەر قارشى چىقمىسۇن ئۇنىڭغا. سېلاھ
خۇدانىڭ پارلاق نۇرى جۇلالىدى سىئوندىن، گۈزەللىكنىڭ كامالىتى بولغان ئاشۇ ماكاندىن.
ياقۇپنىڭ ئەۋلادلىرىغا كۈلپەت چۈشمەس، ئىسرائىللار بېشىغا بالا-قازا كەلمەس. ئۇلار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن پەرۋەردىگار خۇدا ئۇلار بىلەن بىللىدۇر، ئۇلار ئۆز پادىشاھى بولغان پەرۋەردىگارغا ئالقىشلار ياغدۇرار.
باش ئەگدۈرۈپ بەردى ئۇ بىزگە دۈشمىنىمىزنى، ئايىغىمىز ئاستىغا يىقىلدۇردى يات خەلقلەرنى.
ھۆكۈم سۈرمەكتە خۇدا بارچە خەلق ئۈستىدە، ئولتۇرۇپ ئۇ ئۆزىنىڭ مۇقەددەس تەختىدە.