8 پەرۋەردىگار شەرىپىگە مۇناسىپ ھەمدۇسانا ئوقۇڭلار، خۇدانىڭ ئىبادەتخانا ھويلىسىغا ھەدىيە بىلەن كىرىڭلار.
دەرۋازىلىرىدىن كىرىڭلار ھەمدۇسانا-شۈكۈر ئېيتىپ، قەدەم تەشرىپ قىلىڭلار ھويلىلىرىغا مەدھىيە ئوقۇپ، تەرىپلەڭلار نامىنى مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ.
شۇڭا، ئەي قېرىنداشلار، خۇدا بىزگە شۇنداق رەھىم-شەپقەت كۆرسەتكەنىكەن، ئۆزۈڭلارنى خۇدانى خۇرسەن قىلىدىغان، ئۇنىڭغا ئاتالغان تىرىك قۇربانلىق سۈپىتىدە ئۇنىڭغا بېغىشلىشىڭلارنى ئۆتۈنىمەن. مانا بۇ، سىلەرنىڭ خۇداغا قىلىدىغان ھەقىقىي ئىبادىتىڭلاردۇر.
كۈنچىقىشتىن تارتىپ كۈنپېتىشقىچە بولغان ئارىلىقتىكى خەلقلەر مېنىڭ نامىمنى ئۇلۇغلايدۇ. ھەممە يەردە مېنىڭ نامىمغا ئاتاپ ئىسرىق سالىدۇ ۋە پاك ھەدىيەلەرنى سۇنىدۇ. مېنىڭ نامىم پۈتكۈل خەلقلەر ئارىسىدا ئۇلۇغلىنىدۇ.
ئۇنىڭغا باج تاپشۇرار تارشىش ۋە ئاراللارنىڭ پادىشاھلىرى، سوۋغا تەقدىم قىلىشار شىبا ۋە سىبانىڭ شاھلىرى.
تىر خەلقى ئېلىپ كېلەر ساڭا ھەدىيەلەر، ئىلتىپات ئىستەر سەندىن ئۇ پۇلدارلار.
ئى پەرۋەردىگار، سەندىن قورقمايدىغان كىم بار، نامىڭنى مەدھىيىلىمەيدىغان؟ چۈنكى، يېگانە مۇقەددەس ئۆزۈڭدۇرسەن. كېلىپ پۈتكۈل خەلقلەر، ساڭا سەجدە قىلغۇسى. چۈنكى، ئاشكارا بولغاچ قىلغانلىرىڭنىڭ ھەققانىيلىقى.»
شۇنداق قىلساڭلار، سىلەرمۇ خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسىنىڭ سېلىنىشىغا ئىشلىتىلىدىغان تىرىك تاشلاردىن بولىسىلەر. سىلەر خۇداغا ئاتالغان روھانىيلار بولۇپ، ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق خۇداغا خىزمەت قىلىش ۋە مەدھىيە ئوقۇش قاتارلىق خۇدانى خۇرسەن قىلىدىغان قۇربانلىقلارنى بېرەلەيسىلەر.
شۇنداق ئىكەن، بىزمۇ قارارگاھنىڭ سىرتىغا چىقىپ، ئۇنىڭ يېنىغا بېرىپ، ئۇ ھاقارەتلەرگە ئۇچرىغىنىدا بەرداشلىق بەرگىنىدەك، بىزمۇ ھاقارەتلەرگە بەرداشلىق بېرەيلى.
مەن سىلەرنىڭ ماڭا ئەۋەتكەن بارلىق سوۋغىتىڭلارنى تاپشۇرۇۋالدىم. بۇ مېنىڭ ئېھتىياجىمدىن ئېشىپ كەتتى، ئەلۋەتتە. ئېپافرودىت ئارقىلىق ئەۋەتكەن سوۋغىتىڭلارنى ئېلىپ، ھەممە نەرسەم تېخىمۇ تولۇقلىنىپ كەتتى. بۇ سوۋغاتلار خۇددى خۇش پۇراقلىق كۆيدۈرمە قۇربانلىقتەك، خۇدانى خۇرسەن قىلىدۇ.
سىلەرنىڭ ئەيسا مەسىھكە بولغان ئېتىقادىڭلار ۋە ئۇنىڭ ئۈچۈن قىلغان خىزمىتىڭلار خۇداغا ئاتالغان قۇربانلىق ھېسابلىنىدۇ. ئەگەر مەن ئىسسىق قېنىمنى سىلەرنىڭ بۇ قۇربانلىقىڭلار ئۈستىگە چاچسام، يەنى سىلەر ئۈچۈن ئۆلسەم، خۇرسەن بولىمەن ھەمدە سىلەر بىلەن بىللە شادلىققا چۆمىمەن.
خۇدانىڭ خۇش خەۋىرىنى يەتكۈزۈش خىزمىتىدە يەھۇدىي ئەمەسلەر ئۈچۈن خۇددى روھانىيلاردەك ئەيسا مەسىھنىڭ خىزمەتكارى بولدۇم. بۇنىڭدىن مەقسەت، يەھۇدىي ئەمەسلەرنىڭ مۇقەددەس روھ ئارقىلىق پاكلىنىپ، خۇددى خۇدانى خۇرسەن قىلىدىغان قۇربانلىقتەك، خۇدا تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنىشى ئۈچۈندۇر.
مۇقەددەس، سۈرلۈكتۇر خۇدا! قۇتۇلۇش بەردى ئۆز قوۋمىغا، ئەھدىسىنى بېكىتتى ھەم مەڭگۈگە.
تەرىپلەڭلار پەرۋەردىگارنى مۇناسىپ ئۇنىڭ نامىغا، سەجدە قىلىڭلار پارلاق، مۇقەددەس پەرۋەردىگارغا.
ئىبادەتخانىنىڭ ھويلا-ئاراملىرىدا، ئەي يېرۇسالېم، تۇرۇپ سېنىڭ ئوتتۇراڭدا، قەسىمىمنى قىلىمەن ئادا. ھەمدۇسانا ئوقۇڭلار پەرۋەردىگارغا.
دەم ئېلىش كۈنلىرى ۋە يېڭى ئاي چىققان كۈنلىرى ئىسرائىل خەلقى بۇ دەرۋازا ئىمارىتىنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ، ھۇزۇرۇمدا ماڭا سەجدە قىلسۇن.