Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




زەبۇر 96:2 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

2 ناخشاڭلاردا تەرىپلەڭلار خۇدانىڭ نامىنى، بايان ئەيلەپ ھەر كۈنى ئۇنىڭ نىجاتلىقىنى.

Gade chapit la Kopi




زەبۇر 96:2
16 Referans Kwoze  

ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا مۇنداق دېدى: - دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا بېرىپ، پۈتۈن ئىنسانلارغا خۇش خەۋەرنى جاكارلاڭلار.


ئاغزىمدىن چۈشمەس ئادالىتىڭ ۋە نىجاتىڭ، ئەقلىم يەتمەيدىغان ئاشۇ ئاجايىپ ئىشلىرىڭ.


يوشۇرۇپ يۈرمىدىم قەلبىمدە ئادالىتىڭنى، بايان ئەيلىدىم ۋاپادارلىقىڭ ھەم نىجاتلىقىڭنى. پىنھان تۇتمىدىم بۈيۈك جامائەتتىن، مەڭگۈلۈك مۇھەببىتىڭ ۋە ھەقىقىتىڭنى.


ئەي خۇش خەۋەر يەتكۈزگۈچى سىئون خەلقى، تاغقا چىققىن! ئەي خۇش خەۋەر يەتكۈزگۈچى يېرۇسالېم، ئۈنلۈك ئاۋازدا قورقماي ۋارقىراپ، يەھۇدىيەنىڭ شەھەر-يېزىلىرىغا: «قاراڭلار، بۇ سىلەرنىڭ خۇدايىڭلار!» دېگىن.


ئۇلۇغلايمەن پادىشاھىم خۇدا سېنى، تەرىپلەيمەن تائەبەد نام-شەرىپىڭنى.


مەن يەنە ئەرش، يەر يۈزى، يەر ئاستى، دېڭىزلار ۋە كائىناتتىكى پۈتۈن جانلىقلارنىڭ: «مەدھىيە، ھۆرمەت، شان-شەرەپ ۋە قۇدرەت، تەختتە ئولتۇرغۇچىغا ۋە قوزىغا مەڭگۈ مەنسۇپ بولسۇن!» دېگىنىنى ئاڭلىدىم.


خۇداغا، يەنى رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ ئاتىسىغا مەدھىيىلەر ئوقۇلغاي! بىز ئەيسا مەسىھكە مەنسۇپ بولغانلىقىمىز ئۈچۈن، خۇدا بىزگە ئەرشتىكى بارلىق روھىي بەختنى ئاتا قىلدى.


ئەي ئىبراھىمنىڭ ئەۋلادلىرى بولغان قېرىنداشلار ۋە يەھۇدىي دىنىنى ياقلايدىغان يەھۇدىي ئەمەسلەر، قۇلاق سېلىڭلار! خۇدا ھەممىمىزنى قۇتقۇزۇلسۇن دەپ، بۇ خۇش خەۋەرنى يەتكۈزدى.


ئى پەرۋەردىگار، ساڭا ئۇلار شۈكۈر ئېيتار، ساڭا سادىق بەندىلىرىڭ مەدھىيە ئوقار.


ئەي پەرۋەردىگارنىڭ قۇدرەتلىك پەرىشتىلىرى، سىلەردۇرسىلەر ئۇنىڭ سۆزىگە قۇلاق سالغۇچىلىرى، ئۇنىڭ ئەمرلىرىنى ئىجرا قىلغۇچىلىرى، شۇڭا تەرىپلەپ كۈيلەڭلار پەرۋەردىگارنى.


كېيىن داۋۇت پۈتۈن جامائەتكە قاراپ: «پەرۋەردىگارىڭلار خۇداغا ھەمدۇسانا ئېيتىڭلار» دېدى. شۇنىڭ بىلەن جامائەت ئەجدادلىرى ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇداغا ھەمدۇسانا ئېيتتى. ئۇلار ئالدى بىلەن باشلىرىنى يەرگە تەگكۈزۈپ، پەرۋەردىگارغا سەجدە قىلدى، ئاندىن پادىشاھقا تەزىم قىلدى.


ھەمدۇسانا ئېيتىمەن ھەر كۈنى ساڭا، ئاپىرىن ئوقۇيمەن مەڭگۈ نامىڭغا.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite