1 يېڭى ناخشا ئېيتىڭلار پەرۋەردىگارغا بېغىشلاپ، ئەي جاھان ئەھلى ياڭرىتىڭلار غەزەللەر ئۇنىڭغا ئاتاپ.
ئوقۇڭلار پەرۋەردىگارغا ھەمدۇسانا، ئېيتىڭلار پەرۋەردىگارغا ئاتاپ يېڭى بىر ناخشا، مەدھىيەلەڭلار ئۇنى تەقۋادارلار ئارىسىدا.
پەرۋەردىگارغا بېغىشلاپ ئېيتىڭلار يېڭى ناخشا، چۈنكى ئاجايىپ مۆجىزىلەر ئىگىسىدۇر خۇدا، مۇقەددەس بىلىكى، ئوڭ قولى زەپەر بەرگەندۇر ئۇنىڭغا.
يېڭى ناخشا ئېيتىڭلار بېغىشلاپ خۇداغا، شادلىق بىلەن ياڭرىسۇن ئاۋازىڭلار، چېكىڭلار تارىنى يەتكۈزۈپ ۋايىغا.
ھېلىقى 000،144 كىشى تەختنىڭ، تۆت تىرىك مەخلۇقنىڭ ۋە يېتەكچىلەرنىڭ ئالدىدا يېڭى بىر ناخشا ئېيتىشتى. بۇ ناخشىنى گۇناھلىرىنىڭ بەدىلى تۆلىنىپ بۇ دۇنيادىن ئازاد قىلىنغان كىشىلەردىن باشقا ھېچكىم ئۆگىنىشكە قادىر ئەمەس ئىدى.
ئۇلار يېڭى بىر قوشاق ئېيتىشتى: «ئورام يازمىنى ئېلىشقا ۋە پېچەتلەرنى ئېچىشقا لايىقسەن. چۈنكى بوغۇزلاندىڭ ۋە ھەر قەبىلىدىن، ھەر تىلدىن، ھەر مىللەتتىن، ھەر خەلقتىن بولغان ئىنسانلارنى ئۆز قېنىڭ بەدىلى بىلەن خۇداغا مەنسۇپ قىلدىڭ.
يەنە بىر يېرىدە: «ئەي باشقا مىللەتلەر، رەببىمىزنى مەدھىيىلەڭلار، ئەي پۈتكۈل خەلقلەر، ئۇنى ئۇلۇغلاڭلار!» دېيىلگەن.
ئى جاھاندىكى پادىشاھلىقلار، ئىگىمىزگە مەدھىيە ناخشا ئېيتىڭلار، رەببىمىزنى كۈيىڭلەرگە قېتىڭلار. سېلاھ
پۈتكۈل يەر-جاھان سەجدە قىلماقتا ساڭا، كۈيلەپ ھەمدۇسانا ئوقۇماقتا نامىڭغا.» سېلاھ