9 ئاڭلىماسمۇ قۇلاقنى ياراتقۇچى؟! كۆرمەسمۇ كۆزنى ئاتا قىلغۇچى؟!
پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا: _ ئادەمگە سۆزلەش قابىلىيىتىنى بەرگەن كىم؟ ئۇنى سۆزلىيەلەيدىغان ياكى سۆزلىيەلمەيدىغان، ئاڭلىيالايدىغان ياكى ئاڭلىيالمايدىغان، كۆرەلەيدىغان ياكى كۆرەلمەيدىغان قىلغان مەن پەرۋەردىگار ئەمەسمۇ؟
كۆرىدىغان كۆزنى، ئاڭلايدىغان قۇلاقنى، پەرۋەردىگار ياراتتى ھەر ئىككىسىنى.
ئىگىمىز پەرۋەردىگار بايقىماي قالارمىدى؟ ئۇ بىلەر ئىنسان قەلبىدىكى بارلىق سىرلارنى.
پەرۋەردىگارنىڭ تەختى ئەرشتىدۇر، ئۇ تۇرار مۇقەددەس دەرگاھىدا. كۆزىتىپ تۇرار ئۇ ھەممە ئىنسانلارنى، دىققەت بىلەن تىكىلگەندۇر كۆزلىرى ئىنسانلارغا.
سىناپ مېنىڭ قەلبىمنى، كۆزىتىپ كېچىدە خىيالىمنى، تەكشۈرۈپ باققان بولساڭمۇ مېنى، تاپالمىدىڭ ھېچبىر نۇقساننى. چىڭ يۇماي، دەپ ئويلىدىم ئاغزىمنى.
شاراب مەسخىرىچى، ھاراق جېدەل-ماجىراچى، ئەقىلسىزدۇر ھەربىر ھاراق-شاراب ئىچىپ ئازغۇچى.
يۈز ئۆرەر پەرۋەردىگار رەزىللەردىن، يوق قىلار ناملىرىنى يەر يۈزىدىن.
قارا، پەرۋەردىگارنىڭ قولى قۇتقۇزالمىغۇدەك قىسقا ئەمەس، قۇلىقى ئاڭلىيالمىغۇدەك گاس ئەمەس.
سېنىڭ مەغرۇرلىنىپ، مەن ھەققىدە قىلغان نۇرغۇن يامان سۆزلىرىڭنى ئاڭلىدىم.
پۈتۈن تەن كۆز بولسا، ئۇ قانداقمۇ ئاڭلىيالايدۇ؟ پۈتۈن تەن قۇلاق بولسا، ئۇ پۇراقنى قانداقمۇ سېزەلەيدۇ؟