8 ئەي ئەلنىڭ ھاماقەتلىرى، ئويلاپ بېقىڭلار! ئەي ئەخمەقلەر، قاچان بولار ئەقلىڭلار؟
تۆۋەندىكى ھەقىقەتنى بىلمەس نادان ئادەملەر، چۈشەنمەيدۇ ئۇنى يەنە ھاماقەت ۋە ئەخمەقلەر.
چۈنكى، بىر چاغلاردا بىزمۇ نادان ئىدۇق. بىزمۇ خۇداغا بويسۇنمايدىغان، ئازدۇرۇلغان، ھەر خىل ئارزۇ-ھەۋەسلەرنىڭ قۇلى بولغان، يامانلىق ۋە ھەسەتخورلۇق ئىچىدە ياشىغان، بىر-بىرىمىزگە ئۆچمەن كىشىلەر ئىدۇق.
بىلىمىز دانىشمەنلەرنىڭ ئۆلۈم شەربىتى ئىچىدىغانلىقىنى، نادان ۋە ئەخمەقلەرنىڭمۇ ئوخشاشلا ئۆلىدىغانلىقىنى. ئۇلار ھامان قالدۇرۇپ كېتەر باشقىلارغا مال-مۈلكىنى.
ھەق-ناھەقنى چۈشىنىدىغىنىمۇ يوقتۇر. خۇدانى ئىزدەيدىغىنىمۇ ھەم.
تەربىيىنى سۆيگەن بىلىمنى سۆيگۈچىدۇر. تەنبىھنى ئۆچ كۆرگەن ھاماقەتتۇر.
ئەگەر ئۇلاردا ئەقىل بولسا ئىدى، ھەممىنى چۈشەنگەن، ئاقىۋىتىنى بىلگەن بولار ئىدى.
بۇ ئەللەرنىڭ ئادەملىرى ئەخمەق ھەم دۆتتۇر، ئۇلار ياغاچ بۇتلاردىن نېمىنى ئۆگىنەلەيدۇ؟
شاخ-شۇمبىلار سۇنۇپ، قۇرۇپ قاقشال بولغاندا، ئاياللار تېرىپ ئەكېلىپ ئوتۇن قىلىدۇ. بۇ خەلق ھېچنېمىنى چۈشەنمەيدۇ، شۇڭا ياراتقۇچى ئۇلارغا ئىچ ئاغرىتىپ ئولتۇرمايدۇ، ئۇلارنى ئاپىرىدە قىلغۇچى ئۇلارغا شاپائەت قىلمايدۇ.
ئەي گول ئادەملەر، ئۆگىنىڭلار زېرەكلىكنى، ئەي نادانلار، ئۆگىنىڭلار ئەقلىڭلارنى ئىشلىتىشنى.
چۈنكى مەن ھاماقەت، نادان ئىكەنمەن، ئالدىڭدا گويا ئاڭسىز ھايۋان ئىكەنمەن.
_ ئەي نادانلار، قاچانغىچە نادانلىقتا يۈرىسىلەر؟ ئەي مازاقچىلار، قاچانغىچە مازاق قىلىشتىن ھۇزۇر ئالىسىلەر؟ ئەي ئەقىلسىزلەر، قاچانغىچە بىلىمدىن نەپرەتلىنىسىلەر؟