5 سەن تاللىغان قوۋمىڭنى ئېزىپ ئۇلار، ساڭا تەۋە بولغانلارغا جەبىر سالار.
مەن ئايالنىڭ خۇدانىڭ مۇقەددەس خەلقى، يەنى ئەيساغا گۇۋاھلىق بېرىپ قۇربان بولغانلارنىڭ قېنى بىلەن مەست بولغانلىقىنى كۆردۈم. ئۇنى كۆرۈپ ئىنتايىن ھەيران بولدۇم.
مەن ئىككى گۇۋاھچىمغا قۇدرەت بېرىمەن. ئۇلار قارىلىق كىيىم كىيىپ، خۇدانىڭ ۋەھىيسىنى بېكىتىلگەن ئەنە شۇ 1260 كۈندە يەتكۈزىدۇ.»
بابىل پادىشاھى نىبۇكادنەزەر بىزنى قاقتى-سوقتى قىلىپ، يالماپ يۇتقانىدى. ئۇ شەھىرىمىزنى بۇلاپ، قۇرۇق ئىدىشتەك قىلىپ قويغانىدى. ئۇ خۇددى غايەت چوڭ بىر مەخلۇقتەك بىزنى يۇتۇپ، قورسىقىنى ئەڭ ئېسىل نەرسىلىرىمىز بىلەن تولدۇردى. ئاندىن ئۇ بىزنى تۈكۈرۈپ چىقاردى.
ئەي بابىل خەلقى، سىلەر خەلقىمنى بۇلاپ، ناھايىتى خۇشال بولۇپ، شادلاندىڭلار. سىلەر خۇشاللىقىڭلاردىن يايلاقلاردىكى موزايلاردەك سەكرەپ، ئاتتەك كىشنىدىڭلار.
ئەمما سەن قەلبىڭنى زۇلۇم ۋە زوراۋانلىققا مايىل قىلدىڭ، بىگۇناھ كىشىلەرنىڭ قېنىنى تۆكتۈڭ، كۆزلىرىڭنى پەقەتلا دۇرۇس بولمىغان مەنپەئەتكە تىكتىڭ.»
پەرۋەردىگار يەنە مۇنداق دەيدۇ: «ھازىر مەن قانداق قىلىشىم كېرەك؟ خەلقىم سەۋەبسىزلا ئەسىر قىلىندى، ئۇلارنىڭ ھۆكۈمدارلىرى ماختىنىپ چۇقان سېلىپ، مېنىڭ نامىمنى كۈن بويى ھاقارەت قىلماقتا.
چۈنكى ئۇلار ۋەيران قىلدى ياقۇپنىڭ نەسلىنى، خانىۋەيران قىلىپ ئۇنىڭ ماكانىنى.
كۆڭۈللىرىدە ئويلاپ ئۇلار «بويسۇندۇرايلى بىز ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى»، كۆيدۈرۈۋەتتى خۇدانىڭ زېمىندىكى مۇقەددەس جايلىرىنى.
ساڭا بولغان ساداقىتىمىزدىن كۈنبويى قىرىلماقتىمىز، سويۇلىدىغان قويلارنىڭ قاتارىدا بولماقتىمىز.
چۈشەنمەسمۇ ئەجەبا قىلمىشلىرىنى پاسىقلار؟! ئۇلار مېنىڭ خەلقىمنى نان يىگەندەك يەپ يۇتار، پەرۋەردىگارغا ئىبادەت قىلماس ئەسلا ئۇلار.
بولمىسا، ئۇلار شىردەك تىتىپ تاشلار مېنى، ھېچكىمىم يوقتۇر قۇتقۇزىدىغانغا جېنىمنى.
سوتتا ناھەقچىلىق قىلغانلارنى، ئىگىمىز كۆرۈپ تۇرىدۇ.
ئۇلار ئاتا-ئانىسىنى كۆزگە ئىلمايدۇ، مۇساپىرلارنى ئالدايدۇ، يېتىملەرنى ۋە تۇل خوتۇنلارنى بوزەك قىلىدۇ.