Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




زەبۇر 94:3 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

3 ئى پەرۋەردىگار، رەزىللەر قاچانغىچە ماختىنار، قاچانغىچە بېشىنى كۆتۈرۈپ يۈرۈشەر ئۇلار؟

Gade chapit la Kopi




زەبۇر 94:3
16 Referans Kwoze  

ئۇلار قاتتىق ئاۋاز بىلەن چۇقان سېلىشىپ: «مۇقەددەس ۋە ئىشەنچلىك ئىگىمىز! يەر يۈزىدە ياشاۋاتقان ئىنسانلارنى قاچان سوراق قىلىپ، ئۇلاردىن قېنىمىزنىڭ ئىنتىقامىنى ئېلىپ بېرىسەن؟» دېيىشەتتى.


گۇناھكارنىڭ خۇشاللىقىنىڭ ئۇزاققا بارمايدىغانلىقىنى، ئىمانسىزنىڭ خۇشاللىقىنىڭ بىردەملىك ئىكەنلىكىنى بىلمەمتىڭ؟


مەسخىرە قىلار، زەھەردەك تىللىرى بىلەن سۆزلەيدۇ ئۇلار. مەغرۇرلىنىپ، «زۇلۇم سالىمىز سىلەرگە» دەپ تەھدىت سالار.


باشپاناھىم تۇرۇپ ئى خۇدا، تەرك ئېتىسەن مېنى نېمىشقا؟ نېچۈن ماتەم تۇتۇپ يۈرىمەن، دۈشمەنلىرىمنىڭ زۇلۇمى ئاستىدا؟


‹ئەي پەرۋەردىگارنىڭ قىلىچى، قاچان توختايسەن؟ غىلىپىڭغا قايت، ئارام ئال!› دەيسىلەر.


ئى پەرۋەردىگار، قاچانغىچە ئۆزۈڭنى مەندىن قاچۇرىسەن؟ قەھر-غەزەپ ئوتۇڭنى قاچانغىچە كۆيدۈرىسەن؟


ئى پەرۋەردىگار _ قۇدرەتلىك سەردار خۇدا، غەزىپىڭدىن قوبۇل كۆرمەي دۇئايىمىزنى، قاچانغىچە رەت قىلارسەن بىزلەرنى؟


ئى پەرۋەردىگار، غەزىپىڭ قاچانغىچە، مەڭگۈگىمۇ؟! ئوت بولۇپ يانغان غەزىپىڭ بېسىلارمۇ؟


شۇنىڭ بىلەن موردىكاي سانجىلماقچى بولغان خادىغا ھاموننىڭ ئۆزى سانجىلدى. شۇنىڭدىن كېيىن پادىشاھنىڭ غەزىپى بېسىلدى.


ئەستىر: _ بىزگە زىيانكەشلىك قىلماقچى بولغان دۈشمەن دەل بۇ رەزىل ھاموندۇر! _ دەپ جاۋاب بەردى. ھامون پادىشاھ ۋە خانىش ئالدىدا تىترەپ كەتتى.


ئى پەرۋەردىگار، قاچانغىچە نالە قىلسام، قۇلاق سالارسەن؟ «زوراۋانلىق بولۇۋاتىدۇ!» دەپ چاقىرساممۇ، قۇتقۇزمامسەن؟


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite