3 ئى پەرۋەردىگار، شارقىرىماقتا دېڭىز سۇلىرى، ياڭرىماقتا شاۋقۇنلىرى، گۈلدۈرلىمەكتە دولقۇنلىرى.
شادلانسۇن يەر-جاھان، خۇش بولسۇن ئاسمانلار، تەنتەنە قىلىشسۇن دېڭىز ۋە ئۇنىڭدىكى جانلىقلار.
ئۆلۈم ئاسارەتلىرى چىرمىدى مېنى، ھالاكەت دولقۇنلىرى چۈمكىدى مېنى.
پەرىشتە ماڭا يەنە: - پاھىشە ئايال بويىدا ئولتۇرغان، سەن كۆرگەن سۇلارنىڭ ئۆزى مىللەتلەر، قوۋملار، خەلقلەر ۋە ھەر خىل تىللاردا سۆزلىشىدىغان كىشىلەردۇر.
سىلەر شاد-خۇراملىق بىلەن يولغا چىقىپ، ئامان-ئېسەنلىك ئىچىدە يېتەكلىنىسىلەر. ئالدىڭلاردىكى تاغ-داۋانلار سىلەر ئۈچۈن تەنتەنە قىلىشىدۇ، دالىلاردىكى دەل-دەرەخلەرمۇ سىلەرگە چاۋاك چالىدۇ.
ئەجدىھا ئايالنىڭ ئارقىسىدىن ئاغزى بىلەن دەريادەك سۇ پۈركۈپ، ئۇنى سەلگە باستۇرۇپ ئېقىتىپ كەتمەكچى بولدى.
سەن تاشلىدىڭ مېنى تېگىگە چوڭقۇر دېڭىزنىڭ، قورشىۋالدى مېنى كۈچلۈك سۇلار، بېسىپ ئۆتتى ئۈستۈمدىن دولقۇنلىرىڭ، ئۆركەشلىرىڭ.
باردۇر ئېقىنلىرى شادلىق ئېلىپ كېلىدىغان بىر دەريا، خۇدانىڭ شەھىرى _ ئۇلۇغ خۇدانىڭ مۇقەددەس ماكانىغا.