زەبۇر 92:13 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى13 تىكىلگەندۇر ئۇلار پەرۋەردىگار ھۇزۇرىغا، گۈللەپ ياشنار ئىگىمىزنىڭ ھويلا-ئاراملىرىدا. Gade chapit la |
سىئوندىكى ماتەم تۇتقانلارنىڭ ھەسرەت كۈلىنىڭ ئورنىغا ھەشەمەتلىك تاجنى، ماتەمنىڭ ئورنىغا خۇشاللىق مېيىنى، مەيۈس روھنىڭ ئورنىغا ھەمدۇسانا تونلىرىنى بېرىدىغانلىقىنى يەتكۈزۈشكە ئەۋەتتى. ئۇلار «ھەققانىيلىق دەرەخلىرى» دەپ ئاتىلىدۇ، پەرۋەردىگارنىڭ شان-شەرىپىنى نامايان قىلىش ئۈچۈن، ئۇلارنى پەرۋەردىگار كۆچەت قىلىپ تىككەندۇر.
خۇددى ياۋا زەيتۇن دەرىخىنىڭ شاخلىرى باغدىكى شاخلىرى سۇندۇرۇۋېتىلگەن زەيتۇن دەرىخىگە ئۇلانغانغا ئوخشاش، يەھۇدىي ئەمەس سىلەرمۇ سۇندۇرۇۋېتىلگەن ئاشۇ شاخلارنىڭ، يەنى يەھۇدىيلارنىڭ ئورنىغا ئېتىقادىڭلار ئارقىلىق ئۇلاندىڭلار. دېمەك، سىلەر بۇ دەرەخنىڭ يىلتىزىدىن ئوزۇقلۇق ئېلىپ، شىرنىسىدىن بەھرىمەن بولۇۋاتقاندەك، خۇدا ئىبراھىمغا ۋەدە قىلغان بەختتىن بەھرىمەن بولۇۋاتىسىلەر.