11 كۆردۈم دۈشمەنلىرىمنىڭ مەغلۇبىيىتىنى، ئاڭلىدىم رەزىل رەقىبلىرىمنىڭ يىغا-زارىنى.
كۆرىسەن پەقەت ئۆز كۆزۈڭ بىلەن بۇ ئىشلارنى، پاسىقلارنىڭ قانداق جازالانغىنىنى.
شۇنداق خۇدا، بارلىق كۈلپەتلەردىن خالاس قىلدىڭ مېنى، ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆردۈم دۈشمەنلىرىمنىڭ مەغلۇبىيىتىنى.
ئىرادىسى مۇستەھكەمدۇر ئۇلارنىڭ، قورقمايدۇ ئەسلا، كۆرەر مەغلۇبىيىتىنى دۈشمەنلىرىنىڭ.
ۋاپادار پەرۋەردىگار ماڭا كېلىپ ياردەم بېرەر، دۈشمەنلىرىمنىڭ مەغلۇبىيىتىنى كۆرسىتەر.
تەلمۈرۈپ كۈتكىن پەرۋەردىگارنى. چىڭ تۇتقىن ئۇنىڭ يولىنى، ئىگە قىلار زېمىنغا سېنى. كۆرىسەن رەزىللەرنىڭ زېمىندىن قوغلاپ چىقىرىلىشىنى.
دۈشمەنلىرىم ئالدىدا داستىخان سېلىپ ماڭا، ئەزىزلەپ مېنى ياغ سۈركەرسەن بېشىمغا، بەخت شارابىم تولۇپ تاشار ھايات جامىمغا.
سېخىيدۇر ئۇلار، يوقسۇللارغا بېرەر سەدىقە، مەڭگۈ ئۇنتۇلماس ھەققانىيلىقى ئۇلارنىڭ، قۇدرەت تېپىپ، نائىل بولار ھۆرمىتىگە كىشىلەرنىڭ.