9 كۈنلىرىمىز غەزەپ-نەپرەتتە ئۆتەر، يىللىرىمىز ئۇھ تارتىپ ئازابتا كېتەر.
شۇڭا خۇدا ھاياتىنى ئۇلارنىڭ ئاخىرلاشتۇردى مەنىسىزلىك ئىچىدە، ئۆتتى يىللىرى دەككە-دۈككىدە.
بىلىمەن، قىلغانسەن ئۆمرۈمنى نەچچە غېرىچلا، ئۇزۇن ئەمەستۇر ھايات يولۇم سېنىڭ ئالدىڭدا، بىرلا تىنىقتۇر ئىنسانلارنىڭ ئۆمرى پەقەتلا. سېلاھ
بەرھەق، سەن ئۈچۈن مىڭ يىل گويا تۈنۈگۈن ئۆتكەن بىر كۈندەكلا، ياكى كېچىدىكى بىرنەچچە سائەتتەكلا.
پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى ئۇلارنى يىراق قوغلىۋەتكەي، ئۇلار گويا شامالدا ئۇچقان ساماندەك توزۇپ كەتكەي.
ئى پەرۋەردىگار، قۇلاق سالغىن دۇئايىمغا، كۆڭۈل قويغىن مېنىڭ نالە-پەريادىمغا، سۈكۈت قىلىپ تۇرمىغىن كۆز ياشلىرىمغا، چۈنكى بىر مۇساپىرمەن سېنىڭ ئالدىڭدا، ئاتا-بوۋىلىرىمدەك غېرىبمەن بۇ پانىي دۇنيادا.