7 شۈبھىسىزكى، بىز ھالاك بولىمىز غەزىپىڭدىن، ۋەھىمىگە چۈشىمىز قەھرىڭدىن.
گۇناھلىرىنى ئەيىبلەپ، جازالىغاندا سەن ئىنساننى، كۈيە چۈشكەندەك يوق قىلىسەن قەدىرلىگەنلىرىنى. بىر تىنىقتۇر خالاس ئىنساننىڭ ئۆمرى. سېلاھ
خۇدا قىرىق يىل كىملەرگە غەزەپلەندى؟ يەنىلا شۇ گۇناھ ئۆتكۈزۈپ، جەسەتلىرى چۆلدە قالغانلارغا ئەمەسمۇ؟
غەزىپىڭنىڭ قۇدرىتىنى كىم ئويلاپ يېتەر؟ قەھرىڭگە لايىق كىم سەندىن ئەيمىنەر؟
كۈنلىرىمىز غەزەپ-نەپرەتتە ئۆتەر، يىللىرىمىز ئۇھ تارتىپ ئازابتا كېتەر.
غەزىپىڭدە يوق قىل ئۇلارنى، قىرىپ تاشلا قالدۇرماي بىرىنى. ئايان بولسۇن پۈتۈن دۇنياغا، ياقۇپ ئەۋلادلىرىغا خۇدانىڭ ھۆكۈمران ئىكەنلىكى. سېلاھ
تاڭ سۈزۈلەي دېگەندە، پەرۋەردىگار ئوت ۋە بۇلۇت تۈۋرۈكى ئىچىدىن مىسىر قوشۇنىنى قالايمىقان قىلىۋەتتى.
شۇڭا خۇدا ھاياتىنى ئۇلارنىڭ ئاخىرلاشتۇردى مەنىسىزلىك ئىچىدە، ئۆتتى يىللىرى دەككە-دۈككىدە.
زېمىنغا قەدەم تاشلىدىڭ غەزىپىڭدە، ئېزىپ تاشلىدىڭ ئەللەرنى قەھرىڭدە.