4 بەرھەق، سەن ئۈچۈن مىڭ يىل گويا تۈنۈگۈن ئۆتكەن بىر كۈندەكلا، ياكى كېچىدىكى بىرنەچچە سائەتتەكلا.
قەدىرلىك قېرىنداشلىرىم، شۇنى ئۇنتۇماڭلاركى، رەببىمىز ۋاقىتنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىمىغاچقا، ئۇنىڭ نەزىرىدە بىر كۈن مىڭ يىلدەك، مىڭ يىل بىر كۈندەكتۇر.
بىلىمەن، قىلغانسەن ئۆمرۈمنى نەچچە غېرىچلا، ئۇزۇن ئەمەستۇر ھايات يولۇم سېنىڭ ئالدىڭدا، بىرلا تىنىقتۇر ئىنسانلارنىڭ ئۆمرى پەقەتلا. سېلاھ
لېكىن شۇنى بىلىڭلاركى، ئەگەر ئۆي ئىگىسى ئوغرىنىڭ كېچىسى قاچان كېلىدىغانلىقىنى بىلسە، قاراپ تۇرۇپ، ئوغرىنىڭ ئۆيگە بۇزۇپ كىرىشىگە ھەرگىز يول قويمايدۇ، ئەلۋەتتە.
ھەتتا خوجايىن يېرىم كېچىدە ياكى سەھەردە كەلسۇن، ئۇ چاكارلىرىنىڭ ئويغاقلىقىنى كۆرسە، بۇ چاكارلارنىڭ بەختىدۇر!
تاڭ ئېتىشقا ئاز قالغاندا، ھەزرىتى ئەيسا كۆلنىڭ ئۈستىدە مېڭىپ، شاگىرتلىرى تەرەپكە كەلدى.
تاڭ سۈزۈلەي دېگەندە، پەرۋەردىگار ئوت ۋە بۇلۇت تۈۋرۈكى ئىچىدىن مىسىر قوشۇنىنى قالايمىقان قىلىۋەتتى.
گىدئون ۋە ئۇنىڭ 100 ئادىمى تۈن يېرىم بولۇشتىن ئىلگىرى مىديانلارنىڭ قاراۋۇللىرى ئالماشقاندىن كېيىن بارگاھنىڭ يېنىغا يېتىپ باردى. ئۇلار بۇرغا چېلىپ قوللىرىدىكى كوزىلارنى چېقىۋەتتى،