3 دېسەڭ ئەگەر «ئەي ئىنسانلار، تۇپراققا قايتىڭلار»، ئىنسان شۇئان تۇپراققا ئايلىنار.
باش-كۆزۈڭ تەرگە چۆمگەندىلا تويغۇدەك بىر نەرسىگە ئىگە بولىسەن، تاكى سەن ئۆلۈپ تېنىڭ توپىغا ئايلىنىپ كەتكۈچە ئىشتىن باش كۆتۈرەلمەيسەن. تۇپراقتىن يارىتىلدىڭ ۋە تۇپراققا قايتىسەن!»
ئۇ چاغدا تەن تۇپراققا، روھ ھاياتلىق بەرگەن خۇداغا قايتىدۇ.
تىنىقى توختىشى بىلەنلا قايتار ئۇلار تۇپراققا، شۇ كۈنىلا بارچە پىلانلىرى چىقار يوققا.
دەككە-دۈككىگە چۈشەر ئۇلار جامالىڭنى يوشۇرغىنىڭدا، جان ئۈزۈپ قارا يەرگە قايتار، نەپەسلىرىنى توختاتقىنىڭدا.
بارلىق ھاياتلىق ئۇنىڭ ئىلكىدىدۇر، ئىنساننىڭ تىنىقىمۇ بۇنىڭدىن مۇستەسنا ئەمەستۇر.
مەن پەرۋەردىگارىڭلار سىلەرگە شۇنداق دەپ ئېيتىمەنكى، مۇشۇ چۆلدە بىرلىشىپ ماڭا قارشى تۇرغان بۇ پۈتۈن رەزىل خەلققە ئېيتقانلىرىمنى چوقۇم ئەمەلگە ئاشۇرىمەن. ئۇلار بۇ چۆلدە ئۆز ئاخىرىتىنى كۆرىدۇ، بۇ جايدا ئۆلىدۇ».