16 سادىق بەندىلىرىڭ كۆرسۇن نىجاتلىقىڭنى، ئۇلارنىڭ پەرزەنتلىرى شان-شۆھرىتىڭنى.
ئى پەرۋەردىگار، سېنىڭ شۆھرىتىڭنى ئاڭلىدىم، ئەيمىنەرمەن ئۇلۇغۋار ئىشلىرىڭدىن، ئى پەرۋەردىگار. زامانىمىزدا شۇ ئىشلارنى قايتا قىلغايسەن، شۇ ئۇلۇغۋار ئىشلىرىڭنى كىشىلەر بىلسۇن. غەزەپلەنگەندىمۇ رەھىمدىللىكىڭنى ئېسىڭدىن چىقارمىغايسەن.
ئى خۇدا، قەدىمكى زاماندا ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئارىسىدا، سەن كۆرسەتكەن مۆجىزىلىك ئىشلىرىڭنى ئاڭلىغانىدۇق بىز ئۆز قۇلىقىمىزدا، ئاتا-بوۋىلىرىمىز ئېيتىپ بەرگەنىدى بۇنى.
ئۇ قورام تاشتۇر، ئۇنىڭ ياراتقانلىرى مۇكەممەلدۇر، قىلغانلىرى توغرىدۇر. ئۇ يامانلىق قىلمايدۇ، ساداقەتلىكتۇر، ئادىل ۋە دۇرۇستۇر.
چۈنكى مېنى شادلاندۇردۇڭ كارامەتلىرىڭدە ئى خۇدا، ماڭا قىلغان ئەجرىڭدىن ناخشا ئېيتارمەن خۇشاللىقتا.
زاھىر بولار ئەجىرلىرىڭ خىيالىمدا، بىزلەر ئۈچۈن قىلغان ئىشلىرىڭ دىلىمدا.
مېنىڭمۇ ئۆمرۈم ئاخىرلىشىپ قالدى. شۈبھىسىزكى، پەرۋەردىگارىڭلار خۇدانىڭ سىلەرگە بەرگەن ۋەدىسىنىڭ بىرىنىمۇ قالدۇرماي ھەممىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرغانلىقى سىلەرنىڭمۇ كۆڭلۈڭلارغا ئاياندۇر.
ئۇلارنىڭ بالىلىرى ھەققىدە پەرۋەردىگار ئۇلارغا مۇنداق دېگەنىدى: «سىلەر ‹بالا-چاقىلىرىمىز ئەسىر بولۇپ قالىدۇ› دەپ ئويلىغانىدىڭلار، لېكىن ئاق-قارىنى تېخى پەرق ئېتەلمەيدىغان بۇ بالىلار ئاشۇ زېمىنغا بارىدۇ. مەن ئۇ زېمىننى ئۇلارغا ئاتا قىلىمەن، ئۇلار ئۇ يەرنى ئىگىلەيدۇ.