11 غەزىپىڭنىڭ قۇدرىتىنى كىم ئويلاپ يېتەر؟ قەھرىڭگە لايىق كىم سەندىن ئەيمىنەر؟
خۇدانىڭ غەزىپى تاشسا، كىممۇ چىدىيالىسۇن؟ كىممۇ ئۇنىڭ غەزەپ ئوتىغا بەرداشلىق بېرەلىسۇن؟ ئۇنىڭ غەزىپى خۇددى ئوتتەك ياغىدۇ. قورام تاشلار ئۇنىڭ ئالدىدا پارە-پارە بولۇپ كېتىدۇ.
سىئون تېغىدىكى گۇناھكارلارنى قورقۇنچ باسىدۇ. ئىمانسىزلارنى تىترەك باسىدۇ. ئۇلار سورىشىدۇ: «بىزنىڭ ئارىمىزدىن كىملەر پەرۋەردىگارنىڭ ئوتلۇق ھۇزۇرىدا تۇرالايدۇ؟ ئارىمىزدىن كىملەر مەڭگۈلۈك ئوت ئىچىدە ياشىيالايدۇ؟»
مەنمۇ سىلەرگە قارشى تۇرىمەن، گۇناھىڭلار تۈپەيلىدىن ھەسسىلەپ قاتتىق زەربە بېرىمەن.
چۈنكى، ئۇلارنىڭ غەزىپى تۇتقان دەھشەتلىك كۈن كەلدى. ئۇنىڭغا كىممۇ بەرداشلىق بېرەلىسۇن؟»
رەببىمىزدىن ئەيمىنىشنى بىلگەنىكەنمىز، ئىنسانلارنى بۇ ھەقتە قايىل قىلىشقا تىرىشىمىز. بىزنىڭ قانداق ئادەم ئىكەنلىكىمىز خۇداغا ئايان. ۋىجدانىڭلارنىڭمۇ بىزنىڭ قانداق ئادەم ئىكەنلىكىمىزنى تونۇپ يېتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
بولمىسا ئۇ سىلەرنى ۋە ئەۋلادلىرىڭلارنى ئۇزۇنغا سوزۇلغان ئېغىر ئاپەتلەر ۋە سوزۇلما خاراكتېرلىك ئېغىر كېسەللەرگە دۇچار قىلىدۇ.
سىلەر يەنىلا مەن بىلەن قارشىلىشىپ، سۆزۈمگە قۇلاق سالمىساڭلار، گۇناھىڭلار تۈپەيلىدىن سىلەرگە ھەسسىلەپ قاتتىق زەربە بېرىمەن.
ئەگەر سىلەر مۇشۇنداق جازالارغا ئۇچراپ تۇرۇپمۇ، يەنىلا سۆزۈمگە قۇلاق سالمىساڭلار، سىلەرنى ھەسسىلەپ قاتتىق جازالايمەن.
كىمدىن قورقۇش كېرەكلىكىنى كۆرسىتىپ قوياي. جېنىڭلارنى ئالغاندىن كېيىن، دوزاخقا تاشلاشقا ھوقۇقلۇق بولغان خۇدادىن قورقۇڭلار. قورقۇشقا تېگىشلىكى ئەنە شۇ.
قورقۇشقا تېگىشلىكتۇر پەقەت سەندىنلا، ئى خۇدا، كىممۇ ئۆزىنى تىك تۇتالار غەزىپىڭنىڭ ئالدىدا؟
مەنمۇ سىلەرگە قارشى تۇرۇپ، غەزىپىمنى ياغدۇرىمەن. سىلەرنى گۇناھىڭلار تۈپەيلىدىن ھەسسىلەپ جازالايمەن.