1 ئى رەببىم، پاناھ بولۇپ كەلدىڭ بىزگە، ئەۋلادتىن-ئەۋلادقىچە.
ئەزەلدىن بار بولغان خۇدا سىلەرنىڭ باش پاناھىڭلاردۇر، ئۇنىڭ مەڭگۈلۈك بىلىكى سىلەرنىڭ يۆلەنچۈكۈڭلاردۇر. ئۇ كۆز ئالدىڭلاردا دۈشمىنىڭلارنى قوغلاپ، ئۇلارنى ھالاك قىلىشقا بۇيرۇق بېرىدۇ.
قورام تاشتەك پاناھ بولغىن دائىم ماڭا، سەن مېنىڭ تېغىمدۇرسەن قورغان كەبى، ئىرادە قىلدىڭ مېنى ئۆزۈڭ قۇتقۇزماققا.
بۇنىڭ بىلەن، خۇدانىڭ بىزگە بولغان مېھىر-مۇھەببىتىنى تونۇپ يېتىمىز ۋە بۇنىڭدىن گۇمانلانمايمىز. خۇدا ئۆزى مېھىر-مۇھەببەتتۇر. شۇڭا، مېھىر-مۇھەببەت ئىچىدە ياشىغان كىشى خۇدادا ياشايدۇ، خۇدامۇ ئۇنىڭدا ياشايدۇ.
كىمكى ماكان تۇتسا ئۇلۇغ خۇدانىڭ پاناھىدا، ياشار ئۇ ھەممىگە قادىر خۇدا سايىسىدا.
شۇڭا سەن سۈرگۈن قىلىنغانلارغا ئىگىمىز پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ، دەپ ئېيت: «گەرچە مەن سىلەرنى يىراقتىكى يات ئەللەرگە تارقىتىۋەتكەن بولساممۇ، لېكىن سىلەر سۈرگۈندىكى ۋاقتىڭلاردا سىلەرنىڭ ماڭا ئىبادەت قىلىشىڭلار ئۈچۈن ئۆزۈمنى سىلەرگە يار قىلدىم.
تېنىمنى يېگەن ۋە قېنىمنى ئىچكەن كىشى مەندە ياشايدۇ. مەنمۇ ئۇنىڭدا ياشايمەن.
پەرۋەردىگارنى پاناھ قىلغىنىڭ ئۈچۈن، ئۇلۇغ خۇدانى قورغىنىم دەپ بىلگىنىڭ ئۈچۈن،
پەرۋەردىگار مەڭگۈلۈك مۇھەببىتىڭنى ئەبەدىي كۈيلەيمەن، ساداقىتىڭنى ئەۋلادتىن-ئەۋلادقىچە بايان ئەيلەيمەن.
مەن سىلەر ئۈچۈن پاناھلىنىدىغان جاي بولىمەن. لېكىن ئىسرائىلىيەنىڭ ئىككى پادىشاھلىقى پۇتلىشىدىغان، نۇرغۇن ئادەملەرنى پۇتلاشتۇرۇپ يىقىتىدىغان تاش بولىمەن. يېرۇسالېم ئاھالىسى ئۈچۈن تۇزاق ۋە قاپقان بولىمەن.
ئەي خۇدانىڭ سادىق بەندىسى، سەن بۇنداق ئىشلاردىن يىراق تۇر. ھەققانىيلىق، ئىخلاسمەنلىك، ئېتىقاد، مېھىر-مۇھەببەت، سەۋر-تاقەت ۋە مۇلايىملىقنى ئىزدە.
پادىشاھ ياروبئام بەيتەلدىكى قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ يېنىدا تۇرۇپ ئىسرىق سېلىۋاتقاندا، يەھۇدىيەدىن بىر پەيغەمبەر پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرى بىلەن يېتىپ كەلدى.
بۇ، خۇدانىڭ يېقىن ئادىمى مۇسانىڭ دۇنيادىن كېتىش ئالدىدا ئىسرائىللارغا بەخت تىلەپ قىلغان دۇئاسىدۇر.
ئى پەرۋەردىگار، مۇقەددەس خۇدايىم، سەن ئەزەلدىن بارسەن، مەڭگۈ يوقالمايسەن! ئى پەرۋەردىگار، سەن بىزنى جازالاش ئۈچۈن بابىللىقلارنى تاللىدىڭمۇ؟ ئەي پاناھگاھىمىز، بىزنى جازالاش ھوقۇقىنى ئۇلارغا بەردىڭمۇ؟