Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




زەبۇر 9:5 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

5 سوراق قىلىپ يات ئەللەرنى، ھالاك قىلدىڭ رەزىل خەلقلەرنى، ئۆچۈرۈۋەتتىڭ مەڭگۈگە ناملىرىنى.

Gade chapit la Kopi




زەبۇر 9:5
24 Referans Kwoze  

ھەققانىيلار مۇبارەك ئەسلىمىلەر قالدۇرار. يامانلارنىڭ نامى تېزلا ئۇنتۇلۇپ قالار.


ئۇنىڭ ئاغزىدىن ھەرقايسى خەلقلەرگە زەربە بېرىش ئۈچۈن ئۆتكۈر بىر قىلىچ چىقىپ تۇراتتى. ئۇ خەلقلەرنى تۆمۈر كالتەك بىلەن باشقۇراتتى. ئۇ خۇداغا قارشى تۇرغۇچىلارنى خۇددى ئۈزۈملەرنى شاراب كۆلچىكىدە دەسسەپ مىجىغاندەك، ھەممىگە قادىر خۇدانىڭ ئوتلۇق غەزىپى بىلەن ھالاك قىلاتتى.


مەن ھۆكۈمۈمنى ئەمەلگە ئاشۇرىدىغان كۈندە، سىلەر يامانلىق قىلغۇچىلارنى خۇددى ئايىغىڭلار ئاستىدىكى كۈلدەك دەسسەيسىلەر. بۇ مەن قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.


مېنى توسما، مەن ئۇلارنى ھالاك قىلىپ، يەر يۈزىدىن نامىنى يوقىتاي. مەن سېنىڭ ئەۋلادلىرىڭنى ئۇلاردىنمۇ چوڭ ۋە كۈچلۈك بىر خەلق قىلىمەن» دېدى.


پارلاپ تۇرار ھەققانىينىڭ نۇرى، ئۆچۈرۈلەر ياماننىڭ چىرىغى.


ئېلىش ئۈچۈن ئىتائەتسىز قوۋملاردىن قىساسىنى، بەرمەك ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ھەم ئەدىپىنى،


«قېنى ئۇلارنىڭ خۇداسى» دەپ، يات ئەللەر مازاق قىلسا بولامدۇ؟ قىرغىن قىلغان تۇرسا ئۇلار قۇللىرىڭنى، كۆرسەت بىزگە ئۇلارنى جازالىغانلىقىڭنى.


خۇدا قوغلىۋېتىپ ئۇ يەردىن يات ئەللەرنى، ئىسرائىللارغا بۆلۈپ بەردى يەرلىرىنى. ئىسرائىل قەبىلىسىگە ئېلىپ بەردى ئۆيلىرىنى.


ئاخىتوفەل ئۆز مەسلىھەتىنىڭ قوبۇل قىلىنمىغانلىقىنى كۆرۈپ، ئېشىكىنى توقۇپ، ئۆز يۇرتىغا قايتتى. ئائىلىسىدىكى ئىشلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ بولغاندىن كېيىن، ئېسىلىپ ئۆلۈۋالدى. جەسىتى ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ قەبرىستانلىقىغا قويۇلدى.


ھالاك قىلىسەن يالغانچىلارنى، ئۆچ كۆرىسەن قانخور، ھىيلىگەرلەرنى.


نېچۈن قۇتۇرار خەلقلەر؟ نېچۈن ئىشقا ئاشمايدىغان سۇيىقەست ئويلار ئادەملەر؟


سائۇل ئۆزىنىڭ قورال-ياراغ كۆتۈرگۈچىسىگە: _ قىلىچىڭنى سۇغۇر، مېنى ئۆلتۈرۈۋەت، ئاۋۇ خەتنىسىزلەر كېلىپ، ماڭا قىلىچ تىقىپ، مېنى خورلىمىسۇن، _ دېدى. قورال-ياراغ كۆتۈرگۈچى قاتتىق قورقۇپ كەتكىنىدىن ئۇنداق قىلىشقا ئۇنىمىدى. سائۇل ئۆزىنىڭ قىلىچىنى سۇغۇرۇپ چىقىرىپ، ئۆزىنى قىلىچقا ئۇردى.


داۋۇت ئابىگالغا: _ سىزنى بۈگۈن مېنىڭ ئالدىمغا ئەۋەتكەن پەرۋەردىگارغا، يەنى ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇداغا ھەمدۇسانالار بولسۇن!


داۋۇت نابالنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ئاڭلىدى. ئۇ: _ پەرۋەردىگارغا ھەمدۇسانالار بولسۇن. نابال ماڭا ھاقارەت قىلغانىدى، پەرۋەردىگار مەن ئۈچۈن ئۆچ ئاپتۇ، ھەم مېنى گۇناھ قىلىشتىن ساقلاپتۇ. نابالنىڭ يامانلىقىنىمۇ ئۆز بېشىغا قايتۇرۇپتۇ! _ دېدى. شۇنىڭدىن كېيىن داۋۇت ئارىغا ئادەم سېلىپ، ئابىگالغا ئۆيلىنىش نىيىتىنى بىلدۈردى.


ئەگەر تاشلىمىسا ئىنسان يامان يولىنى، بىلەپ ئۇ قىلىچىنى، بەتلەپ قۇيار يا ئوقىنى.


مەن ئېلامدا تەختىمنى قۇرۇپ، ئۇنىڭ پادىشاھى ۋە ئەمەلدارلىرىنى ۋەيران قىلىمەن.


ئى ئىگەم، ئاقلاپ مېنى، قۇتۇلدۇردۇڭ ھاياتىمنى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite