4 چۈنكى، مېنى ئاقلىدىڭ سەن ھەق دەۋايىمدا، ئادالەتلىك سوتچى بولۇپ سەلتەنەتلىك ئورنۇڭدا.
بىلىمەن، ئېزىلگەنلەرگە ئىگە بولۇپ پەرۋەردىگار، يوقسۇللارنىڭ ھەققىنى قوغدار.
ئەيسا مەسىھ ھاقارەتكە ئۇچرىغاندا، تىل قايتۇرمايتتى. ئازاب-ئوقۇبەت چەككەندە، ھېچكىمگە تەھدىت سالمايتتى. ئەكسىچە، ئۆزىنى ئادىل ھۆكۈم قىلىدىغان خۇداغا تاپشۇراتتى.
ئۇ كەمبەغەللەرگە ھەققانىيلىق بىلەن ھۆكۈم چىقىرىدۇ، ئاجىزلارغا ئادىللىق بىلەن قارار چىقىرىدۇ. ئۇ سۆزلىرى بىلەن ئادەملەرنى كالتەكلەيدۇ، ئۇ نەپىسى ئارقىلىق رەزىل ئادەملەرنى ئۆلتۈرىدۇ.
چۈنكى پەرۋەردىگار جەزمەن كېلىدۇ ھۆكۈمرانلىق قىلىشقا، كېلىدۇ دۇنيانى ئادالەتتە، خەلقلەرنى ھەققانىي باشقۇرۇشقا.
تەختىڭنىڭ ئۇلى بولسا ھەققانىيلىق، ئادالەتتۇر، مۇھەببەت ۋە ساداقەتلىك ھۆكۈمرانلىقىڭنىڭ ھەمراھىدۇر.
ھۆكۈم سۈرمەكتە خۇدا بارچە خەلق ئۈستىدە، ئولتۇرۇپ ئۇ ئۆزىنىڭ مۇقەددەس تەختىدە.
پەرۋەردىگار ئىستىقبالىم، نېسىۋەمدۇر، ئى پەرۋەردىگار، كېلەچىكىم قولۇڭدىدۇر.
سەن ئەرشتە ئۇلارنىڭ دۇئاسى ۋە ئىلتىجالىرىنى ئاڭلاپ، ئۇلارغا ياردەم قىلغايسەن.