18 مەڭگۈلۈك ئۇنتۇلۇپ كەتمەس بۇ دۇنيانىڭ يوقسۇللىرى، ئەمەلگە ئاشماي قالماس ئېزىلگەنلەرنىڭ ئارزۇلىرى.
«مەن باراي» دەيدۇ خۇدا: «زۇلۇم تارتقاچ ئېزىلگەنلەر، نالە قىلغاچ مىسكىنلەر، يەتكۈزەي ئۇلارنى تەشنا بولغان ئامانلىقىغا.»
بەرھەق، باردۇر سېنىڭ ئىستىقبالىڭ. يوققا چىقماس ئارزۇ-ئۈمىدىڭ.
تاتلىقتۇر دانالىق ھەسەلدەك جېنىڭغا، ئىستىقبالىڭ پارلاقتۇر گەر ئېرىشسەڭ ئۇنىڭغا، ئارزۇ-ئۈمىدىڭ ھەم چىقماس يوققا.
قەدىرلىك قېرىنداشلىرىم، قۇلاق سېلىڭلار! خۇدا بۇ دۇنيادىكى كەمبەغەللەرنى ئېتىقاد جەھەتتە باي قىلىش ھەمدە ئۇلارنى ئۆزىنى سۆيگەنلەرگە بېرىشكە ۋەدە قىلغان پادىشاھلىقىغا ئېرىشتۈرۈش ئۈچۈن، تاللىدى.
ئاندىن، ھەزرىتى ئەيسا شاگىرتلىرىغا قاراپ مۇنداق دېدى: - ئەي يوقسۇللار، نەقەدەر بەختلىكسىلەر! چۈنكى خۇدانىڭ پادىشاھلىقى سىلەرنىڭكىدۇر.
سورىغانلىرىنى بەردى ئېھتىياجلىقلارغا، قۇرۇق قول قايتۇردى خۇداغا ئېھتىياجسىز بىز، دەپ قارىغان بايلارنى.
چۈنكى ئۇ تۇرار موھتاجلارنىڭ ئوڭ يېنىدا، ئۇلارنى ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلغانلاردىن قۇتقۇزۇشقا.
قوبۇل قىلار پەرۋەردىگار مىسكىننىڭ دۇئاسىنى، رەت قىلمايدۇ غېرىبنىڭ پەريادىنى.
ئاقلىغۇچى بولۇپ پادىشاھ ئېزىلگەن مۆمىنلەرگە، قۇتۇلدۇرغاي نامراتلارنىڭ بالىلىرىنى ھەم بىتچىت قىلغاي زالىملارنى.
ئۆزۈڭ ئۈمىدىمسەن، ئى پەرۋەردىگار خۇدايىم، ياشلىقىمدىن تارتىپ سەن بولدۇڭ تايانچىم.
چۈنكى، ئۇ ئالغۇچىدۇر تۆكۈلگەن قاننىڭ ھېسابىنى، ياد ئېتىپ بىچارىلەرنى، ئۇنتۇماس ئۇلارنىڭ پەريادىنى.
ئەي مېنى ئۇنتۇغانلار، ياخشى ئويلاڭلار قىلمىشىڭلارنى، بولمىسا بىتچىت قىلىۋېتىمەن ھەممىڭلارنى. ئۇ چاغدا ھېچكىم قۇتقۇزالماس سىلەرنى.
ئى خۇدا، جۇدا قىلغىن رەزىللەرنى جېنىدىن، ئەي قانخورلار، يىراق قېچىڭلار مېنىڭدىن.