17 قەبرىلەرگە كىرىپ كېتەر يامانلار، خۇدانى ئۇنتۇغان بارلىق قوۋملار.
ئەي مېنى ئۇنتۇغانلار، ياخشى ئويلاڭلار قىلمىشىڭلارنى، بولمىسا بىتچىت قىلىۋېتىمەن ھەممىڭلارنى. ئۇ چاغدا ھېچكىم قۇتقۇزالماس سىلەرنى.
خۇدانى ئۇنتۇغۇچىلارنىڭ ئاقىۋىتى مۇشۇ قومۇشقا ئوخشاش بولىدۇ. ئىمانسىزلار ئۈمىدسىزلىك ئىچىدە ۋەيران بولىدۇ.
لېكىن، قورقۇنچاق، ئېتىقادسىز، چىرىك، قاتىل، زىناخور، سېھىرگەر، بۇتپەرەس ۋە يالغانچىلارغا كەلسەك، ئۇلارنىڭ قىسمىتى گۈڭگۈرت بىلەن يانغان ئوت كۆلىدۇر. مانا بۇ ئىككىنچى ئۆلۈمدۇر.»
لېكىن خەلقىم مېنى ئۇنتۇپ كەتتى ۋە ئەرزىمەس بۇتلارغا ئاتاپ قۇربانلىق قىلدى! شۇ سەۋەبتىن ئۇلار كونا، ئىشەنچلىك يولدىن ۋاز كېچىپ، پۇتلىشىپ كەتتى. مېنىڭ يولۇمغا ئەگىشىشنىڭ ئورنىغا ئەگرى-توقاي ۋە ئەسكى يوللاردا ماڭدى.
بۇ سىلەرنىڭ تەقدىرىڭلار، مەن ئۇنى پېشانەڭلارغا پۈتتۈم. چۈنكى سىلەر مېنى ئۇنتۇپ، بۇت ئىلاھىڭلارغا چوقۇندۇڭلار.
ياش ئايال زىبۇ-زىننەتلىرىنى، يېڭى كېلىنچەك توي كۆڭلىكىنى ئۇنتۇپ قالامدۇ؟ بىراق مېنىڭ خەلقىم بولغان سىلەر مېنى ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ئۇنتۇپ قالدىڭلار.
ئىسمى ھاياتلىق دەپتىرىدە يېزىلمىغانلارنىڭ ھەممىسى ئوت كۆلىگە تاشلاندى.
شۇ تۈپەيلىدىن گۆرنىڭ ئىشتىھاسى يوغىناپ، ئاغزى چەكسىز يوغان ئېچىلىدۇ. ئۇ يېرۇسالېمنىڭ نوپۇزلۇقلىرى ۋە پۇقرالىرىنى يۇتۇپ كېتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە ئويۇن-تاماشا قىلغانلارنىمۇ يۇتۇپ كېتىدۇ.
رەزىللەرنىڭ ھالىغا ۋاي! ئۇلارنىڭ بېشىغا كۈلپەت چۈشۈپ، قىلغان يامانلىقلىرى ئۆزىگە يانىدۇ.
يامان يامانلىقى تۈپەيلىدىن يىقىلار، ھەققانىي سەكراتتا ياتقاندىمۇ باشپاناھىغا ئۆزىنى تاپشۇرار.
لېكىن ئۇلار ئۇزۇن ئۆتمەي ئۇنتۇدى پەرۋەردىگارنى، راۋا كۆرمىدى ئۆزلىرىگە خۇدانىڭ ئىرادىسىنى.
پادىچى بولۇپ ئۆلۈم ئۇلارغا، ھەيدەر ئۇلارنى قوي كەبى ئۆلۈكلەر ماكانىغا. جەسەتلىرى چىرىپ كېتەر گۆر ئىچىدە، ھەشەمەتلىك ئۆيلىرىمۇ قالار يىراقتا. ھەققانىيلار غەلىبە كۈنى كەلگەندە ھۆكۈم سۈرەر ئۇلارنىڭ ئۈستىدە.
ئەگەر بىز ئىگىمىزنىڭ نامىنى ئۇنتۇغان بولساق، قول كۆتۈرۈپ يات ئىلاھقا دۇئا قىلغان بولساق،
ئۇ بۇت ئىلاھى بائالغا ئاتاپ كۈجە كۆيدۈرگەن كۈنلەر ئۈچۈن، ئۇنى جازالايمەن. ئۇ كۈنلەردە ئۇ ئۈزۈك ۋە زىبۇ-زىننەتلەرنى ئېسىپ، ئاشنىلىرىغا دۈم چۈشۈپ، مېنى ئۇنتۇدى. بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.
تاقىر تاغلاردىن بىر ئاۋاز ئاڭلاندى. ئۇ ئىسرائىل خەلقىنىڭ ئۆز بۇتلىرىغا قىلغان نالە-پەريادلىرىنىڭ ئاۋازى ئىدى. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ گۇناھلىق يوللىرىغا مېڭىپ، مېنى _ ھەقىقىي پەرۋەردىگار خۇدانى ئۇنتۇپ قالغانىدى.
بېشىمىزغا چۈشتى بۇلارنىڭ ھەممىسى، ئۇنتۇمىغان بولساقمۇ گەرچە سېنى، ياكى بۇزمىغان بولساقمۇ ئەھدەڭنى.
ئۇ ئەقىللىقلارنى ئۆزىنىڭ ھىيلىسى بىلەن بابلاپ، مەككارلارنى نائۈمىد قويىدۇ.
چۈشۈرىدۇ ياماننىڭ قىلمىشلىرى ئۆزىنى تۇزاققا. ئىلىنىدۇ ئۇ ئۆز گۇناھى بىلەن سىرتماققا.
سەن ئەللەر ئالدىدا نومۇسقا قالغىنىڭدا، مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى بىلىسەن.»