15 يات ئەللەر چۈشتى ئۆزلىرى كولىغان ئورىغا، پۇتلىرى ئىلىنىپ قالدى يوشۇرۇپ قويغان تۇزاققا.
تۇزاق قۇرار يوللىرىمغا رەقىبلىرىم، ئەلەملەردىن ئېزىلدى بۇ يۈرەكلىرىم. ئۇلار ئورا كولىۋىدى يوللىرىمغا، ئۆزلىرى چۈشتى قازغان ئورىلىرىغا. سېلاھ
چۈشۈرىدۇ ياماننىڭ قىلمىشلىرى ئۆزىنى تۇزاققا. ئىلىنىدۇ ئۇ ئۆز گۇناھى بىلەن سىرتماققا.
تۇيۇقسىز بالا كەلگەي ئۇلارنىڭ باشلىرىغا، يۆگىشىپ قالسۇن ئۆزلىرى قۇرغان تورىغا، ھالاك بولسۇن چۈشۈپ ئۆزلىرى كولىغان ئورىغا.
ناھەقلىق ئۇرۇقىنى چاچقان بالايىئاپەت ئورار، ئۇنىڭ قەھر تايىقى ھامان سۇندۇرۇلار.
گۇناھلىرى ئۈچۈن خۇدا ئۇلارنى جازالار، رەزىللىكى ئۈچۈن خۇدا ئۇلارنى ھالاك قىلار، شۇنداق، پەرۋەردىگارىمىز ئۇلارنى قىرىپ تاشلار.
ئاخىرى ئۇلارنىڭ سۇندۇرۇلۇپ يالىرى، ئۆز يۈرەكلىرىگە سانجىلىدۇ قىلىچلىرى.
ئىلتىپات ئەيلىگەچ سەن ماڭا، ئى پەرۋەردىگار، مۇناجات ئوقۇيمەن ساڭا.
بىلدىمكى، ئۆزى تاللىغان پادىشاھنى قۇتقۇزار خۇدا، مۇقەددەس ئەرشئەلادىن جاۋاب بېرىپ ئۇنىڭغا، زور غەلىبە ئاتا قىلار قۇدرەتلىك ئوڭ قولىدا.
شادلىنارمەن شۇندا مەن پەرۋەردىگاردىن، بولارمەن خۇشال ماڭا بەرگەن نىجاتلىقىدىن.
سۇنۇپ خۇداغا مىننەتدارلىق قۇربانلىقىنى، مەدھىيەگە قېتىڭلار ئۇنىڭ كارامەتلىرىنى.