1 ئى خۇدا، چىن دىلىمدىن ئېيتىمەن تەشەككۈرۈمنى، بايان ئەيلەپ سېنىڭ پۈتكۈل كارامەتلىرىڭنى.
پۈتۈن قەلبىم بىلەن شۈكۈرلەر ئېيتىمەن ساڭا، ئۇلۇغلايمەن نامىڭنى مەڭگۈگە رەببىم خۇدا.
تارقىتىڭلار شان-شەرىپىنى ئەللەر ئارا، ئاجايىپ ئىشلىرىنى خەلقلەر ئارا.
ھەمدۇسانا ئوقۇڭلار پەرۋەردىگارغا! ھەق يولدىكى جامائەت ئارىسىدا، شۈكۈر ئېيتىمەن ئىخلاس بىلەن خۇداغا.
شۈكۈر ئېيتاي كۆتۈرۈپ ئاۋازىمنى، بايان ئەيلەپ سېنىڭ بارلىق كارامەتلىرىڭنى.
شۇ ۋەجىدىن، ھەمىشە ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق خۇداغا مەدھىيىلىرىمىزنى قۇربانلىق سۈپىتىدە ئاتايلى، يەنى ئۆز ئاغزىمىز بىلەن ئۇنىڭ نامىنى ئېتىراپ قىلايلى.
مەن بۇ ئىشلارنى ئۆزۈم ئۈچۈن ئاپىرىدە قىلغان خەلقىم ئۈچۈن قىلىمەن، بۇنىڭ بىلەن ئۇلار ماڭا مەدھىيە ئوقۇيدۇ.
تەشەككۈر ئېيتىمەن ھەققانىي پەرۋەردىگارغا، مەدھىيە ئوقۇيمەن ئۇلۇغ خۇدانىڭ نامىغا.
ئېسىڭلاردا بولسۇن ئۇنىڭ كارامەتلىرى، مۆجىزىلىرى ۋە چىقارغان ھۆكۈملىرى.
چىن قەلبىمدىن تەشەككۈر ئېيتىمەن ساڭا، كۈيلەيمەن سېنى پەرىشتىلەر ئالدىدا.
ئى ئىگەم، سۆزلەت مېنىڭ تىلىمنى، ئېيتسۇن ئاغزىم ساڭا بولغان مەدھىيەمنى.
ھېلىقى كىشى مۇنداق جاۋاب بەردى: - «پەرۋەردىگارىڭ بولغان خۇدانى پۈتۈن قەلبىڭ، پۈتۈن جېنىڭ، پۈتۈن كۈچۈڭ ۋە پۈتۈن زېھنىڭ بىلەن سۆيگىن»؛ بۇنىڭدىن قالسا، «قوشناڭنى ئۆزۈڭنى سۆيگەندەك سۆي.»
ئۇلار خۇدانىڭ خىزمەتكارى مۇسانىڭ ناخشىسىنى ھەم قوزا ھەققىدىكى ناخشىنى ئېيتىشاتتى: «ھەممىگە قادىر پەرۋەردىگار خۇدا، قىلغانلىرىڭ ئۇلۇغ ۋە كارامەتتۇر. ئى پۈتكۈل خەلقلەرنىڭ پادىشاھى، يوللىرىڭ ئادىل ۋە ھەقتۇر.
شۇ چاغدا يېرۇسالېم خەلقى مۇنداق دەيدۇ: «شۈكۈر ئېيتىمەن ساڭا پەرۋەردىگار، گەرچە سەن ماڭا غەزەپلەنگەن بولساڭمۇ، يېنىپ ھازىر سەن غەزىپىڭدىن، بەردىڭ ماڭا تەسەللى.
يوللىرىڭغا تۆگە كاراۋانلىرى بېسىپ كېلىدۇ، مىديان ۋە ئېفاھنىڭ ياش تۆگىلىرى زېمىنىڭغا تولۇپ كېتىدۇ، شىبانىڭ ئادەملىرىمۇ كېلىدۇ، ئۇلار ئالتۇن ۋە خۇشبۇي بۇيۇملارنى تارتۇق قىلىپ، مەن پەرۋەردىگارغا مەدھىيەلەرنى ئوقۇيدۇ.
قۇدرىتىنى خۇدانىڭ كىممۇ تولۇق تەرىپلىيەلەر؟ كىم ئۇنىڭغا ئېيتالار مۇكەممەل مەدھىيەلەر؟
بايان ئەيلەي قۇدرىتىڭنى خەلقنىڭ ئالدىدا، سىئون شەھىرىنىڭ دەرۋازىلىرىدا. نىجاتلىقىڭدىن چۆمۈلەي شادلىققا.