Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




زەبۇر 89:4 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

4 سېنىڭ ئەۋلادلىرىڭنى ئەبەدىي خانىدانلىققا ئىگە قىلىمەن، نەسلىڭنىڭ تەختكە ۋارىسلىق قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىمەن.» سېلاھ

Gade chapit la Kopi




زەبۇر 89:4
23 Referans Kwoze  

ئوغۇللىرىڭ رىئايە قىلسا ئەھدەمگە، بويسۇنسا مەن قىلغان بارلىق ئەمرگە، ئولتۇرار ئوغۇللىرىمۇ تەختىڭدە ئەبەدكە.»


ئۇ مېنىڭ نامىمغا ئاتاپ بىر ئىبادەتخانا سالىدۇ. ئۇ ماڭا ئوغۇل بولىدۇ، مەن ئۇنىڭغا ئاتا بولىمەن. مەن ئۇنىڭ ئىسرائىلىيەدىكى پادىشاھلىق تەختىنى مەڭگۈ مۇستەھكەم قىلىمەن» دېدى.


ئاتاڭ داۋۇتقا: «ئىسرائىلىيە تەختىدە ئولتۇرۇشقا سېنىڭ ئەۋلادلىرىڭدىن ئادەم كەم بولمايدۇ» دېگىنىمدەك، سېنىڭ ئىسرائىللارغا ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغان تەختىڭنى ئەبەدىلئەبەد مۇستەھكەم قىلىمەن.


«مەنكى ئەيسا مەسىھ ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكلىرىگە بۇ ئىشلارنى يەتكۈزۈش ئۈچۈن، پەرىشتەمنى ئەۋەتتىم. داۋۇتنىڭ نوتىسى ھەم ئەۋلادى مەن بولىمەن. پارلاق تاڭ يۇلتۇزى مەن بولىمەن.»


يەشايا پەيغەمبەرمۇ مۇقەددەس يازمىلاردا مۇنداق دېگەن: «يىشاينىڭ ئەۋلادىدىن بىرى چىقىپ، باشقا مىللەتلەرگە ھاكىملىق قىلىدۇ. يەھۇدىي ئەمەسلەر ئۇنىڭغا ئۈمىد باغلايدۇ.»


ئۇ كۈن كەلگەندە، مەن پەرۋەردىگار يېرۇسالېم خەلقىنى قوغدايمەن. ھەتتا ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى ئەڭ ئاجىزلىرىمۇ پادىشاھ داۋۇتتەك كۈچلۈك بولىدۇ. داۋۇتنىڭ ئەۋلادلىرى خەلقنىڭ ئالدىدا خۇددى ماڭا ۋە مېنىڭ پەرىشتەمگە ئوخشاش يول باشلايدۇ.


ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى ئەبەدىي داۋاملىشار، ئۇنىڭ تەختى قۇياش كەبى پارلاپ تۇرار.


ئەۋلادلىرىنى ئەبەدىي خانىدانلىققا ئىگە قىلىمەن، تەختىنى ئۇنىڭ ئاسمان كەبى داۋام قىلدۇرىمەن.


پەرۋەردىگار مەڭگۈلۈك مۇھەببىتىڭنى ئەبەدىي كۈيلەيمەن، ساداقىتىڭنى ئەۋلادتىن-ئەۋلادقىچە بايان ئەيلەيمەن.


نامى ئۇنىڭ مەڭگۈ ئۆچمىگەي، ھەر چاغ قۇياش كەبى پارلىغاي، بەخت تاپقاي بارلىق قوۋملار ئۇنىڭدىن، ھەممە خەلقلەر ئۇنى بەختلىك دەپ ئاتىغاي.


ئەمدى مەن ساڭا شۇنداق ئىلتىجا قىلايكى، مېنىڭ خانىدانلىقىمنىڭ ھۇزۇرۇڭدا مەڭگۈ داۋاملىشىشى ئۈچۈن بەخت ئاتا قىلغايسەن! ئى ئىگەم پەرۋەردىگار، ۋەدەڭ بويىچە قۇلۇڭنىڭ خانىدانلىقىنى مەڭگۈ بەختكە سازاۋەر قىلغايسەن.


ھالبۇكى، ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن پەرۋەردىگار خۇدا ئاتامنىڭ جەمەتىدىن مېنى ۋە ئەۋلادلىرىمنى ئىسرائىل خەلقىنىڭ پادىشاھلىقىغا مەڭگۈلۈك تاللىدى. پەرۋەردىگار ئالدى بىلەن يەھۇدا قەبىلىسىنى يېتەكچى قىلىپ تاللىدى، ئاندىن يەھۇدا قەبىلىسىدىن ئاتامنىڭ جەمەتىنى، ئاتامنىڭ ئوغۇللىرى ئىچىدىن مېنى تاللىدى. ئۇ مېنى ئىسرائىلىيەنىڭ پادىشاھى قىلىپ تىكلىگەنلىكىدىن خۇشال بولدى.


قۇلۇڭ ئۇچراۋاتقان مەسخىرىلەرنى ئەسكە ئالغايسەن، بارچە ئەلنىڭ ماڭا قىلغان ھاقارەتلىرىنى كۆرگەيسەن!


قايتۇرۇۋالماس پەرۋەردىگار ۋەدىسىنى، داۋۇتقا بەرگەن مۇنۇ قەسىمىنى: «ۋارىس قىلىمەن تەختىڭگە، ئۆز پۇشتۇڭدىن بولغان بىرسىنى.


«قاراڭلار، مەن قوللىغان، مەن تاللىغان، مەن ياقتۇرغان خىزمەتكارىمغا! مەن ئۆزۈمنىڭ روھىنى ئۇنىڭغا ئاتا قىلدىم. ئۇ بارلىق خەلقلەرگە ئادالەتنى يەتكۈزىدۇ.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite