Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




زەبۇر 89:1 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

1 پەرۋەردىگار مەڭگۈلۈك مۇھەببىتىڭنى ئەبەدىي كۈيلەيمەن، ساداقىتىڭنى ئەۋلادتىن-ئەۋلادقىچە بايان ئەيلەيمەن.

Gade chapit la Kopi




زەبۇر 89:1
24 Referans Kwoze  

كۈيلەيمەن مەڭگۈلۈك مۇھەببەت ۋە ئادالىتىڭنى، ئى پەرۋەردىگار كۈيلىرىمگە قاتىمەن سېنى.


ئەۋلادتىن-ئەۋلادقىچە بىلدۈردۈڭ ساداقىتىڭنى، ئورناتتىڭ ئۆز ئورنىغا مۇستەھكەم قىلىپ يەرنى.


ئۇنىڭ مۇھەببىتى ۋە رەھىمدىللىكى يېڭىلىنار ھەر كۈنى سەھەر، ئۇنىڭ بىزگە بولغان ساداقىتى بۈيۈك شۇ قەدەر.


ئى خۇدا _ قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار، ساڭا ئوخشاش قۇدرەت ئىگىسىدىن يەنە كىم بار؟ ئەتراپىڭنى ساداقەتلىك ئوراپ تۇرار.


لېكىن مۇھەببىتىمنى داۋۇتتىن ئۈزمەيمەن، ياكى ۋەدەمگە خىيانەت قىلمايمەن.


ئى پەرۋەردىگار، مۇھەببىتىڭ ئەرش كەبى بۈيۈكلۈكتە، ۋاپادارلىقىڭ ئاسمان-پەلەك چەكسىزلىكىدە.


بۇ ئېتىقاد ۋە ھەقىقەت بىزدە مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشىش ئۈمىدىنى پەيدا قىلىدۇ. يالغانچىلىقتىن مۇستەسنا بولغان خۇدا دۇنيا ئاپىرىدە بولۇشتىن ئىلگىرىلا بۇ مەڭگۈلۈك ھاياتنى ۋەدە قىلغان.


ھەمدۇسانا ئوقۇڭلار پەرۋەردىگارغا، شۈكۈرلەر ئېيتىڭلار ئۇنىڭغا. چۈنكى پەرۋەردىگار شاپا‏ئەتلىكتۇر، ئۇنىڭ مۇھەببىتى مەڭگۈلۈكتۇر.


ئى رەببىم، ساداقەتتە داۋۇتقا قىلغان ۋەدىلىرىڭ نەلەردە قالدى؟ بۇرۇن كۆرسەتكەن مېھىر-مۇھەببىتىڭ قەيەردە قالدى؟


بايان ئەيلەپ مەڭگۈلۈك مۇھەببىتىڭنى سەھەردە، ساداقىتىڭنى تەرىپلەش ھەربىر كېچىدە _


ئاغزىمدىن ئەسلا چۈشمەس ساڭا ھەمدۇسانالار، چۈشمەس شان-شەرىپىڭنى ئالقىشلىغان سادالار.


ساداقىتىم، مۇھەببىتىم ئۇنىڭغا يار بولار، مېنىڭ نامىم بىلەن ئۇ زەپەر قۇچار.


ۋاھالەنكى، مەن كۈيلەيمەن قۇدرىتىڭنى، ھەر سەھەردە، مەڭگۈلۈك مۇھەببىتىڭنى. چۈنكى سەن مېنىڭ قورغىنىمسەن، ئېغىر كۈنلەردە پاناھگاھىمسەن.


سەن قەدىمدە ئەجدادلىرىمىزغا ۋەدە قىلغىنىڭدەك، ياقۇپ ئەۋلادلىرىغا ئىشەنچىڭنى كۆرسىتىسەن، ئىبراھىم ئەۋلادلىرىغا مېھىر-مۇھەببەت بېغىشلايسەن.


ئى پەرۋەردىگار، سەن مېنىڭ خۇدايىمسەن، سېنى ئۇلۇغلايمەن. سېنىڭ نامىڭنى مەدھىيەلەيمەن. چۈنكى سەن، بۇرۇندىلا پىلانلىغان بۈيۈك ئىشلارنى ساداقەتمەنلىك بىلەن ئەمەلگە ئاشۇردۇڭ.


قەبرىدە كىممۇ بايان قىلسۇن مەڭگۈلۈك مۇھەببىتىڭنى؟ ئۆلۈكلەر ماكانىدا كىممۇ ماختىسۇن ساداقىتىڭنى؟


زەراخنىڭ بەش ئوغلى بولۇپ، ئۇلار زىمرى، ئېتان، ھېمان، كالكول ۋە دارا ئىدى.


ئۇنىڭ ئەقىل-پاراسىتى ھەرقانداق ئادەمدىن، جۈملىدىن ئەزراخ خەلقىدىن بولغان ئېتان ۋە ماخولنىڭ ئۈچ ئوغلى، يەنى ھېمان، كالكول ۋە داردانىڭكىدىنمۇ ئارتۇق ئىدى. ئۇنىڭ داڭقى تۆت ئەتراپتىكى پۈتكۈل ئەللەرگە يېيىلغانىدى.


سۇلايمانمۇ ھىرامنىڭ بۇ ئەجىرلىرىنىڭ بەدىلىگە ئۇنىڭغا 2000 توننا بۇغداي، 3000 لىتىر ساپ زەيتۇن يېغى بەردى. سۇلايمان ھىرامنى ھەر يىلى ئەنە شۇنداق مىقداردىكى بۇغداي ۋە زەيتۇن يېغى بىلەن تەمىنلەپ تۇردى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite