زەبۇر 86:5 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى5 ئى رەببىم، بەرھەق سەن مېھرىبان ۋە ئەپۇچان، مېھرىڭ چەكسىز، ئىلتىجا قىلغانلارغا ھەر قاچان. Gade chapit la |
ئۇلار ئىتائەتسىزلىك قىلىپ، ئۆزلىرى ئۈچۈن كۆرسەتكەن مۆجىزىلىرىڭنى ئۇنتۇدى. ئۇلار بوينىنى قاتتىق قىلىپ، ئۆزلىرىگە يېڭى بىر يېتەكچى تەيىنلەپ، مىسىردىكى قۇللۇقىغا قايتماقچى بولدى. لېكىن سەن ئەپۇچان، رەھىمدىل، شەپقەتلىك، ئاسانلىقچە غەزەپلەنمەيدىغان ۋە چەكسىز مېھىر-مۇھەببەتلىك خۇدا بولغاچقا، ئۇلارنى تاشلىۋەتمىدىڭ.
شۇڭا ئۇ پەرۋەردىگارغا مۇنداق دېدى: _ ئى پەرۋەردىگار، يۇرتۇمدىكى ۋاقتىمدا سېنىڭ شۇنداق قىلىدىغانلىقىڭنى ئويلىغانىدىم! مەن سېنىڭ ئىنتايىن مېھرىبان ۋە رەھىمدىل خۇدا ئىكەنلىكىڭنى بىلىمەن. سېنىڭ ئاسانلىقچە غەزەپلەنمەيدىغانلىقىڭنى، مېھىر-مۇھەببىتىڭنىڭ چەكسىزلىكىنى، بالايىئاپەت كەلتۈرۈشنى خالىمايدىغانلىقىڭنى بىلەتتىم. شۇڭا تارشىشقا قاچمىغانمىدىم؟!