3 ئى رەببىم، ئىلتىپات ئەيلىگىن ماڭا، قىلماقتىمەن كۈنبويى ئىلتىجا ساڭا.
شەپقەت كۆرسەتكىن ئى خۇدا، شەپقەت كۆرسەتكىن ماڭا. چۈنكى مەن پاناھ تاپارمەن سەندە، قاناتلىرىڭنىڭ ئاستىدا، تاكى خەتەر ئۆتۈپ كەتكۈچە.
ھەمىشە مۇقەددەس روھقا تايىنىپ، ئىلتىماسىڭلارنى ئېيتىپ دۇئا-تىلاۋەت قىلىڭلار. شۇنداقلا، سەگەك تۇرۇپ، بارلىق ئېتىقادچىلار ئۈچۈن داۋاملىق دۇئا قىلىپ تۇرۇڭلار.
ئى پەرۋەردىگار، كۆزلىرىم خىرەلەشتى ئازابتا، ھەر كۈنى قىلىمەن ساڭا نىدا، قوللىرىمنى كۆتۈرۈپ دۇئاغا.
تەلىم بەر ماڭا، ھەقىقىتىڭ باشلىسۇن مېنى، چۈنكى سەن قۇتقۇزغۇچى ئىلاھىمسەن، كۈنبويى ساڭا ئۈمىد باغلىغانمەن.
كېيىن تۇل قالغانىدى. ئۇ سەكسەن تۆت ياشقا كىرگەن بولۇپ، ئىبادەتخانا ھويلىلىرىدىن چىقماي، روزا تۇتۇپ، كېچە-كۈندۈز دۇئا قىلىپ، خۇداغا ئىبادەت قىلاتتى.
شەپقەت قىلغىن ماڭا، ئى خۇدا. كىشىلەر قىلىپ مېنى دەپسەندە، كۈنبويى قىيناپ، بەكلا ئەزمەكتە.
پەرياد قىلسام تۆكۈپ دەردىمنى، خۇدا ئاڭلار ئاۋازىمنى، ئەتىگەن، چۈش ۋە ئاخشىمى.
جاۋاب بەرگىن، نىدا قىلسام ساڭا، ئېھ مېنى ھىمايە قىلغۇچى خۇدا. مېنى ئازاد قىلغانىدىڭ كۈلپەتتە قالغىنىمدا، ئاڭلىغىن دۇئايىمنى يەنە رەھىم قىلىپ ماڭا.
بىر ئادالەتسىز قازى شۇنداق قىلغان يەردە، خۇدا ئۆزىدىن كېچە-كۈندۈز ياردەم تىلىگەن بەندىلىرىنىڭ دەردىگە يەتمەسمۇ؟ ئۇلارغا قىلىدىغان شاپائىتىنى كېچىكتۈرەرمۇ؟
رەھىمسىز دۈشمەنلىرىم قارغار مېنى: «تېزراق ئۆلۈپ ئۇ، ئۆچسۇن نامى.»
قوبۇل قىلغىن دۇئايىمنى، ئاڭلىغىن نىدايىمنى.
ئۆلۈكلەرگە كۆرسەتمەكچىمۇسەن كارامەتلىرىڭنى؟ مۇردىلار ئورنىدىن تۇرۇپ مەدھىيەلەرمۇ سېنى؟ سېلاھ