2 ساڭا سادىق بەندەڭنىڭ ساقلاپ قالغىن جېنىنى. قۇتقۇزۇۋالغىن، پەقەتلا ساڭا تايانغان قۇلۇڭنى. چۈنكى سەنلا بىردىنبىر مېنىڭ خۇدايىمسەن.
بىلىپ قويۇڭلار شۇنى، پەرۋەردىگار تاللايدۇ تەقۋادارلارنى، ئاڭلايدۇ مېنىڭ نىدايىمنى.
ئى ئىلاھىم، تايىنىپ كەلدىم ئىشىنىمەن ساڭا، يەرگە قارىتىپ شەرمەندە قىلما مېنى، غەلىبە قىلغۇزۇپ ئۈستۈمدىن دۈشمەنلىرىمنى.
مەن ئەمدى ئايرىلىش ئالدىدا تۇرىمەن. ئۇلارنى بۇ دۇنيادا قالدۇرۇپ، سېنىڭ يېنىڭغا كېتىۋاتىمەن. ئى مۇقەددەس ئاتا، ئۇلارنىڭ ساڭا بولغان سادىقلىقىنى ساقلىغىن. بىز ئىككىمىز بىر بولغاندەك، ئۇلارمۇ بىر بولسۇن.
مەن ساڭا مەنسۇپتۇرمەن، قۇتقۇز مېنى، چۈنكى ئىجرا قىلىپ كەلدىم يوليورۇقلىرىڭنى.
ئى پەرۋەردىگار، تاپارمەن سەندىن پاناھ، مېنى ھەرگىز شەرمەندە قىلما، قۇتقۇز مېنى، ھەققانىيسەن دائىما.
ئۇ مەندىن خۇرسەن بولغاچ نىجاتلىق بەردى ماڭا، ئېلىپ چىقتى مېنى ھەم بىخەتەر جايغا.
ئۆزۈڭ مېنى ساقلىغىن خۇدا، چۈنكى سەندىن تاپارمەن پاناھ.
تايىنىپ كەلدىم مەن مەڭگۈلۈك مۇھەببىتىڭگە، نىجاتىڭدىن تولۇپ تاشسۇن شادلىق قەلبىمگە.
دېمەك، خۇدا خالىغىنىغا رەھىم قىلىدۇ، خالىغىنىنى جاھىللاشتۇرىدۇ.
كىمدەكىم ماڭا خىزمەت قىلىشنى خالىسا، ماڭا ئەگەشسۇن. مەن قەيەردە بولسام، مېنىڭ چاكىرىم شۇ يەردە بولىدۇ. ماڭا خىزمەت قىلغۇچىلارنى ئەرشتىكى ئاتام ھۆرمەتلەيدۇ.
ماڭا بولغان مەڭگۈلۈك مۇھەببىتىڭدە ھالاك قىلغىن ئى ئىگەم، دۈشمەنلىرىمنى، خاراب قىلغىن ھەم جېنىمنى خار قىلغانلارنى. بەرھەق، مەن سېنىڭ بەندەڭ، قۇلۇڭدۇرمەن.
«ھۇزۇرۇمغا يىغىڭلار ماڭا سادىق خەلقىمنى، قۇربانلىق قىلىپ مەن بىلەن ئەھدە تۈزگەنلەرنى.»
چۈنكى پەرۋەردىگار سۆيەر ئادالەتنى، تاشلىماس ئۆزىنىڭ تەقۋادار خەلقىنى. تائەبەد قوغدايدۇ، ساقلايدۇ ئۇلارنى، بىراق قۇرۇتىدۇ رەزىللەرنىڭ نەسلىنى.
ئى پەرۋەردىگار، تايانچىم پەقەت سەن، دەيمەن شۇڭا: «سەن مېنىڭ خۇدايىمسەن.»
ئۇ ئۆز تەقۋادارلىرىنىڭ يوللىرىنى قوغدار، نۇسرەت تاپالماس ئىنسان ئۆز قۇدرىتى بىلەن، يامانلار قاراڭغۇلۇقتا جىمىقتۇرۇلار.