Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




زەبۇر 86:16 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

16 ھالىمغا باق، ماڭا شەپقەت ئەيلىگىن، مەندەك قۇلۇڭغا كۈچ-مادار ئاتا قىلغىن، پېقىر قۇلۇڭنى مۇشەققەتتىن قۇتقۇزغىن.

Gade chapit la Kopi




زەبۇر 86:16
18 Referans Kwoze  

مەن ماڭا كۈچ-قۇدرەت ئاتا قىلغۇچى رەببىمىز ئەيسا مەسىھكە تايىنىپ، خۇدا مەندىن تەلەپ قىلغان ھەرقانداق ئىشنى قىلالايمەن.


ئاخىردا، مەن سىلەرنىڭ رەببىمىزگە ۋە ئۇنىڭ زور قۇدرىتىگە تايىنىپ، كۈچلۈك بولۇشۇڭلارنى تىلەيمەن.


ئى پەرۋەردىگار، مەن سېنىڭ قۇلۇڭدۇرمەن، بەرھەق، سېنىڭ پېقىر قۇلۇڭدۇرمەن. ئازاد قىلدىڭ مېنى ئۆزۈڭ ئاسارەتتىن.


ھالىمغا باق ئى ئىگەم ھىممىتىڭنى كۆرسەت ماڭا، يالغۇزدۇرمەن، قالدىم ئازاب، كۈلپەت ئارا.


بىز يەنە شۇنى تىلىدۇقكى، خۇدا سىلەرنى ئۆزىنىڭ ئۇلۇغ قۇدرىتى بىلەن كۈچلەندۈرگەي. شۇنداق بولغاندا، سىلەر ھەرقانداق ئىشقا سەۋرچانلىق بىلەن بەرداشلىق بېرەلەيسىلەر ھەمدە خۇشال-خۇراملىققا چۆمۈپ،


خۇدا ئۆزىنىڭ ئۇلۇغلۇقىنىڭ چەكسىزلىكىدىن سىلەرگە قۇدرەت بېرىپ، مۇقەددەس روھ ئارقىلىق سىلەرنى ئىچ-ئىچىڭلاردىن كۈچلەندۈرگەي.


بەردىڭ جاۋاب نىدا قىلغان چېغىمدا، جەسۇر قىلدىڭ كۈچ-قۇۋۋەت بېرىپ ماڭا.


مەن پەرۋەردىگار خەلقىمنى كۈچلۈك قىلىمەن، ئۇلار مېنىڭ يولۇمدا ماڭىدۇ. بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.»


ھالىمدىن خەۋەر ئالغىن كۆرسىتىپ شەپقىتىڭنى، نامىڭنى سۆيگەنلەرگە كۆرسەتكەندەك مېھرىڭنى.


مەن ساڭا مەنسۇپتۇرمەن، قۇتقۇز مېنى، چۈنكى ئىجرا قىلىپ كەلدىم يوليورۇقلىرىڭنى.


ئى ئىگەم ئۆتۈنەي مەن، قايتىپ كەلگىن ئارىمىزغا، قاچانغىچە ياشايمىزكى موھتاج بولۇپ شەپقىتىڭگە؟ رەھىم ئەيلە سېنى سۆيگەن بەندىلىرىڭگە!


نەقەدەر بەختلىك سەندىن كۈچ-قۇدرەت تاپقانلار، قەلبىدىن سىئوننى تاۋاپ قىلىشقا ئىنتىزار بولغانلار.


ئى پەرۋەردىگار، ماڭا ئۆزۈڭ جاۋاب بەرگىن، چۈنكى مەڭگۈلۈك مۇھەببىتىڭ ئەۋزەل ماڭا، مېھرى چەكسىز جامالىڭنى كۆرسەت خۇدا.


- مەن خۇدانىڭ خىزمىتىگە تەييارمەن، دېگىنىڭىزدەك بولسۇن، - دېدى مەريەم. شۇنىڭ بىلەن، جەبرائىل ئۇنىڭ يېنىدىن كەتتى.


ئۇلار مۇنداق دەپ جاكارلايدۇ: ‹پەقەت پەرۋەردىگارلا غەلىبە ۋە كۈچ-قۇدرەتنىڭ مەنبەسىدۇر.›» ئۇنىڭغا غەزەپلەنگەنلەر ئۇنىڭ ئالدىدا نومۇسقا قالىدۇ.


رەھىمسىز دۈشمەنلىرىم قارغار مېنى: «تېزراق ئۆلۈپ ئۇ، ئۆچسۇن نامى.»


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite