Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




زەبۇر 86:13 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

13 چۈنكى قۇتقۇزدۇڭ جېنىمنى جەھەننەم دەرگاھىدىن، ئۆزگەرمەس مۇھەببىتىڭ شۇنچە چەكسىز بولغاچ ماڭا.

Gade chapit la Kopi




زەبۇر 86:13
17 Referans Kwoze  

خۇدانىڭ ئۇنىڭغا شۇنچە كاتتا مېھىر-شەپقەت كۆرسەتكەنلىكىنى ئاڭلىغان قولۇم-قوشنىلىرى ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ئۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە خۇشاللىققا چۆمدى.


چۈنكى مېنى قۇتقۇزۇپ قالدىڭ ئۆلۈمدىن، ساقلىدىڭ ھەم پۇتلىرىمنى پۇتلىشىپ كېتىشتىن. مەقسىتىڭ مېنى ئامان يۈرسۇن دەپ ئالدىڭدا، ماڭسۇن دەپ ھەم ھاياتلىق نۇرۇڭدا.


ئى خۇدا، ساقلىدىڭ ئۆلۈمدىن جېنىمنى، يىغا-زار قىلىشتىن كۆزلىرىمنى، پۇتلىشىپ كېتىشتىن پۇتلىرىمنى.


چۈنكى مەڭگۈلۈك مۇھەببىتىڭ ئاسمان كەبى بىپايان، ساداقىتىڭ شۇنچە مولدۇر بۇلۇتلارغا تاقاشقان.


ئۇ مېنى قۇتقۇزۇپ، ئۆلۈمدىن خالاس قىلىپ، ھاياتىمغا يورۇقلۇق ئاتا قىلدى› دەيدۇ.


ئۇلار يەنە بىزگە سىلەرنىڭ خۇدانىڭ ئوغلىنىڭ، يەنى خۇدا ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرگەن ئەيسا مەسىھنىڭ ئەرشتىن قايتا كېلىشىنى كۈتۈۋاتقانلىقىڭلارنى ئېيتتى. بىزلەرنى خۇدادىن كېلىدىغان غەزەپتىن قۇتقۇزغۇچى دەل ئەيسا مەسىھتۇر.


ئۆلۈكلەر ماكانىدىن نېرى قىلدىڭ جېنىمنى، گۆرگە كىرىپ كېتىشتىن ساقلىدىڭ مېنى.


بىلىمەن، تاشلاپ قويمايسەن مېنى گۆر ئىچىگە، يول قويمايسەن تەقۋادارىڭنىڭ تېنىنىڭ چىرىشىگە.


تاشلىۋەتتىڭ سەن مېنى چوڭقۇر ھاڭغا، تاشلىدىڭ ھەم زۇلمەت، قاراڭغۇلۇققا.


ۋە ئىچ ئاغرىتىپ خۇداغا: ‹ئى خۇدا، ئۇنى قەبرىدىن قۇتقۇزغىن، مەن ئۇنىڭ ئۈچۈن بەدەل تۆلەش يولىنى تاپتىم› دېسە،


مانا قارا، مېنىڭ تارتقان بۇ قاتتىق ئازابلىرىم مېنىڭ مەنپەئەتلىرىم ئۈچۈندۇر، سەن مۇھەببىتىڭ بىلەن مېنى گۆر ئاغزىدىن قايتۇرۇپ كەلدىڭ، چۈنكى سەن گۇناھلىرىمنى نەزىرىڭدىن ساقىت قىلدىڭ.


روھلىرىنى چوڭقۇر گۆردىن، ھاياتىنى ئۆلۈمدىن ساقلاپ قالىدۇ.


روھى گۆر ئېغىزىغا، ھاياتى ئۆلۈم گىردابىغا بېرىپ قالىدۇ.


چۈنكى مەڭگۈلۈك مۇھەببىتىڭ ئاسماندىن بىپايان، ساداقىتىڭ شۇنچە مولدۇر، بۇلۇتلارغا تاقاشقان.


ئەي تەقۋادارلار، ھەمدۇسانا ئوقۇڭلار پەرۋەردىگارغا، شۈكۈر ئېيتىڭلار ئۇنىڭ مۇقەددەس نامىغا.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite