11 پەرۋەردىگار، ئۆگەتكىن ماڭا يولۇڭنى، ئەگىشىپ ساڭا ھەق يولدا ياشاي. قاراتقىن ئۆزۈڭگىلا بۇ قەلبىمنى، چىن دىلىمدىن ساڭا ئىخلاس قىلاي.
ئى پەرۋەردىگار، باشلىغىن مېنى ھەققانىيلىقىڭدا، چۈنكى پايلاپ يۈرەر دۈشمەنلىرىم ئەتراپىمدا. روشەن قىلغىن ئۆز يولۇڭنى ئالدىمدا.
پەرۋەردىگار، چۈشەندۈرگىن ئەمرلىرىڭنى، ئاخىرغىچە ئىجرا قىلاي ئۇلارنى.
ئەگەر كىمكى ئىخلاس قىلسا پەرۋەردىگارغا، دۇرۇس يولنى ئۆگىتەر ئۇنىڭغا خۇدا.
بىلمەيدىغانلىرىمنى ماڭا ئۆگەتكىن، ئەگەر مەن رەزىللىك قىلغان بولسام، قايتا قىلمايمەن› دەپ باقتى؟
ئى پەرۋەردىگار، ھەق يولۇڭنى ئۆگەت ماڭا، باشلا مېنى ھەققانىيەت يولۇڭغا، چۈنكى باردۇر دۈشمەنلىرىم ئەتراپىمدا.
ئايان بولغاچ مەڭگۈلۈك مۇھەببىتىڭ كۆز ئالدىمدا، مېڭىپ كەلدىم سەن كۆرسەتكەن ھەقىقەت يولۇڭدا.
پەرزەنتلىرىڭىزدىن بەزىلىرىنىڭ ئەرشتىكى ئاتىمىزدىن ئالغان ئەمر بويىچە ھەقىقەت يولىدا ماڭغانلىقىنى كۆرۈپ، ئىنتايىن خۇرسەن بولدۇم.
قوللىرىڭ ياراتتى، ياسىدى مېنى، ئەقىل بەر ماڭا، چۈشىنەي ئەمرلىرىڭنى.
مەيلى سىلەر نېمە دەڭلار ياكى نېمە قىلىڭلار، ھەممىسىنى رەببىمىز ئەيسانىڭ نامىنىڭ ئۇلۇغلىنىشى ئۈچۈن قىلىڭلار ۋە ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق خۇدائاتىمىزغا شۈكۈر ئېيتىڭلار.
سىلەر ئەيسا مەسىھ توغرىسىدا جەزمەن ئاڭلىدىڭلار ھەمدە ئۇنىڭ تەلىملىرىنىمۇ قوبۇل قىلدىڭلار. چۈنكى ھەقىقەت ئەيسا مەسىھتىدۇر.
سىلەر ھەم رەببىمىزنىڭ جامىدىكىدىن، ھەم جىنلارنىڭ جامىدىكىدىن ئىچسەڭلار بولمايدۇ. ھەم رەببىمىزنىڭ داستىخىنىغا، ھەم جىنلارنىڭ داستىخىنىغا داخىل بولساڭلار بولمايدۇ.
لاۋىيلار خەلققە ھەقىقەتنى ئۆگەتتى، ئۇلارنىڭ ئاغزىدىن ناتوغرا سۆزلەر چىقمىدى. ئۇلار ئىناقلىق ۋە توغرا يولىدا مەن بىلەن بىرگە ماڭدى. ئۇلار نۇرغۇن كىشىلەرنى گۇناھ يولىدىن قايتۇرۇپ كەلدى.
ۋەھالەنكى، رەببىمىز بىلەن بىرلەشكەن كىشى بولسا ئۇنىڭ بىلەن روھىي جەھەتتە بىر بولىدۇ.
تاللىدىم مەن ساداقەت يولىنى، كۆز ئالدىمدا تۇتىمەن ھۆكۈملىرىڭنى.
ھەر كۈنى، مەركىزىي ئىبادەتخانا ھويلىسىغا كىرىپ، ئىبادەت قىلىشاتتى. ئۆيلىرىدىمۇ خۇشال-خۇراملىق ۋە ئاق كۆڭۈللۈك بىلەن بىر-بىرىنى مېھمان قىلىشىپ، ھەزرىتى ئەيسانى خاتىرىلەش ئۈچۈن ناننى بۆلۈشۈپ يېيىشەتتى.
ئۆگزىلەرگە چىقىۋېلىپ، كۈن، ئاي ۋە يۇلتۇزلارغا چوقۇنىدىغانلارنى، ماڭا سەجدە قىلىپ، مېنىڭ نامىمدا قەسەم قىلغان تۇرۇقلۇق، يەنە ئىلاھ مولەكنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلغانلارنى ھالاك قىلىمەن.
ئەي ئىسرائىلىيە خەلقى، مېنىڭ بۇتلار بىلەن ئىشىم يوق، سىلەرنىڭمۇ ئىشىڭلار بولمىسۇن. دۇئايىڭلارغا قۇلاق سالغۇچى ۋە ھالىڭلاردىن خەۋەر ئالغۇچى مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن. مەن بۈك-باراقسان قارىغايغا ئوخشايمەن. مەن ئالغان مول ھوسۇلۇڭلارنىڭ مەنبەسىدۇرمەن.»
بىراق، ھاۋا~ئانىنىڭ ھىيلىگەر يىلان تەرىپىدىن ئازدۇرۇلغىنىدەك، سىلەرنىڭمۇ ساختا ئەلچىلەر تەرىپىدىن ئازدۇرۇلۇپ، ئەيسا مەسىھكە بولغان سەمىمىي ۋە پاك قەلبىڭلارنىڭ بۇلغىنىشىدىن ئەنسىرەيمەن.
ئۇلارنىڭ كۆڭلى ھىيلىگە تولغاندۇر، ئەمدى ئۇلار جازالىنىشى كېرەك. پەرۋەردىگار ئۇلارنىڭ بۇتلىرى ئۈچۈن ياسىغان قۇربانلىق سۇپىلىرىنى ۋەيران قىلىدۇ، بۇتسىمان تاش تۈۋرۈكلىرىنىمۇ چېقىپ تاشلايدۇ.