Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




زەبۇر 86:10 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

10 ئاجايىپ ئۇلۇغ مۆجىزىلەر ئىگىسىسەن، بەرھەق، يالغۇز سەنلا خۇدادۇرسەن.

Gade chapit la Kopi




زەبۇر 86:10
20 Referans Kwoze  

ھەزرىتى ئەيسا مۇنداق جاۋاب بەردى: - ئەڭ مۇھىمى شۇكى، «ئاڭلىغىن ئەي ئىسرائىللار! پەرۋەردىگارىمىز بولغان خۇدا بىردىنبىر خۇدادۇر.


«ئى، قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار _ ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا، سەن كېرۇبلار ئوتتۇرىسىدا تەختتە ئولتۇرغۇچىسەن، سەن بۇ دۇنيانىڭ پۈتكۈل پادىشاھلىقلىرىنىڭ يېگانە پەرۋەردىگارىسەن، پۈتكۈل ئالەمنىڭ ياراتقۇچىسىسەن.


تەرىپلەنگەي ئىسرائىللارنى تاللىغان پەرۋەردىگار، بارچە مۆجىزە ۋە كارامەتلەر ئىگىسى پەقەت ئۇدۇر.


خوش، ئەمدى بۇتقا ئاتاپ نەزىر قىلىنغان گۆش مەسىلىسىگە كېلەيلى. بىزگە مەلۇمكى، كۆپ ئادەملەر چوقۇنۇۋاتقان بۇتلار خۇدا ئەمەستۇر. يېگانە خۇدادىن باشقا ئىلاھ يوقتۇر.


بىلىشىڭلار كېرەككى، مەن بىردىنبىر خۇدادۇرمەن. مەندىن باشقا خۇدا يوقتۇر. ھايات-مامات مېنىڭ ئىلكىمدىدۇر. زەخىملىنىشمۇ، ساقىيىشمۇ مەندىندۇر. ھېچكىم مېنىڭ قولۇمدىن قۇتۇلالمايدۇ.


ئى پەرۋەردىگار، نەدە بار ئالەمدە سەندەك بىر ئىلاھ؟ كىمدە بار سەندىكىدەك ھەيۋەت، ئۇلۇغ شان-شەرەپ؟ قايسى ئىلاھ ساڭا ئوخشاش كۆرسىتەلىسۇن مۆجىزە-كارامەت؟


ئى پەرۋەردىگارىمىز خۇدا، بىزنى ئاسسۇر پادىشاھىنىڭ قولىدىن ساقلاپ قالغايسەن. يەر يۈزىدىكى بارلىق پادىشاھلىقلار سېنىڭ بىردىنبىر پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىڭنى بىلسۇن!»


ھەممىمىزنىڭ ئاتىسى بولغان خۇدا بىردۇر. ئۇ ھەممىمىزدىن ئۈستۈن تۇرىدۇ، ھەممىمىز ئارقىلىق ئۆز ئىرادىسىنى ئىجرا قىلىدۇ، شۇنداقلا ھەممىمىزنىڭ قەلبىدىدۇر.


ئۆز قۇدرىتىڭنى كۆرسىتىپ، مۇقەددەس خىزمەتكارىڭ ئەيسانىڭ نامىدىن كېسەللەرنى ساقايتىپ، مۆجىزە ۋە كارامەتلەر ياراتقايسەن.


يېگانىسەن ئى رەببىم غەيرىي ئىلاھلار ئالدىدا، ئۇلۇغ ئىشنى قىلغۇچى پەقەت بىر ئۆزۈڭلا.


سەن خۇدانىڭ سىرلىرىنىڭ تېگىگە يېتەلەمسەن، ھەممىگە قادىر خۇدانىڭ چەكسىزلىكىنى بىلەلەمسەن؟


خۇدا كۆرسەتكەن ھەر خىل مۆجىزە، كارامەت ۋە قۇدرەتلىك ئىشلار، شۇنداقلا ئۆز ئىرادىسى بويىچە ئېتىقادچىلارغا مۇقەددەس روھنىڭ ھەدىيىلىرىنى ئاتا قىلىش ئارقىلىق بۇنىڭغا گۇۋاھلىق بەردى.


مەن بىردىنبىر پەرۋەردىگارمەن، مەندىن باشقا ھېچبىر خۇدا يوقتۇر! سەن مېنى تونۇمىساڭمۇ مەن ساڭا كۈچ-قۇدرەت بېرىمەن.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite