9 شۇنداق، ئىخلاسمەنلەرنى قۇتقۇزار خۇدا، زاھىر بولۇپ شان-شەرىپى زېمىنىمىزدا.
پەرۋەردىگار دەيدۇكى، مەن ئۆزۈم يېرۇسالېمنىڭ ئەتراپىدا ئوت سېپىلى، ئىچىدە شان-شەرىپى بولىمەن!»
مەن پات ئارىدا ئۆز قولۇم بىلەن ھەققانىيەتنى يۈرگۈزىمەن، ئۇ كۈن يېتىپ كېلىش ئالدىدا تۇرىدۇ، مېنىڭ نىجاتلىقىم كېچىكمەيدۇ، مەن سىئوننى قۇتقۇزىمەن، مەن ئىسرائىل خەلقىگە شان-شۆھرىتىمنى بېرىمەن.»
خۇداغا چىن دىلىدىن ئىتائەت قىلىشنى خالايدىغان كىشى بۇ تەلىملەرنىڭ خۇدادىن كەلگەنلىكىنى ياكى ئۆزلۈكۈمدىن ئېيتىۋاتقانلىقىمنى بىلەلەيدۇ.
ئۇ سېنىڭ كىملىكىڭنى پۈتۈن يەھۇدىي ئەمەسلەرگە بىلدۈرىدىغان نۇردۇر، خەلقىڭ ئىسرائىللارنىڭ شان-شەرىپىدۇر!»
قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار ئۆزىنىڭ شان-شەرىپىنىڭ ئايان بولۇشى ئۈچۈن سىلەرنى تالان-تاراج قىلغان ئەللەرگە قارشى مېنى ئەۋەتتى. سىلەرگە چېقىلغانلىق خۇددى پەرۋەردىگارنىڭ كۆز قارىچۇقىغا چېقىلغانلىقتۇر.
ئۇ چاغدا سەن ئۆلۈكلەر ماكانىدا بۇرۇنقى زاماندا ئۆلۈپ كەتكەنلەر بىلەن بىرگە بولىسەن، سەن ئۇ يەردە ئۇلار بىلەن ئۇ دۇنيانىڭ ئەڭ چوڭقۇر يېرىدە ياشايسەن. سەن ھېچقاچان قايتىپ كېلەلمەيسەن، تىرىكلەر دۇنياسىدىكى بۇرۇنقى ئورنۇڭغا مەڭگۈ ئېرىشەلمەيسەن.
قۇربانلىق سۈپىتىدە ماڭا شۈكۈر ئېيتقانلار مېنى ئۇلۇغلار، شۇنداق قىلىپ نىجاتلىقىمغا ئېرىشمەك ئۈچۈن يول ھازىرلار.»
پاۋلۇس ئورنىدىن تۇرۇپ، قولىنى كۆتۈرۈپ، خالايىقنى تىنچىتىپ، مۇنداق دېدى: - ئەي ئىسرائىللار ۋە يەھۇدىي ئەمەس تەقۋادارلار، قۇلاق سېلىڭلار!
«كالام» ئىنسان بولدى ھەم ئارىمىزدا ياشىدى. ئۇ مېھىر-شەپقەت ۋە ھەقىقەتكە تولغان بولۇپ، بىز ئۇنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى، يەنى ئاتىمىز خۇدانىڭ بىردىنبىر يېگانە ئوغلىنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى كۆردۇق.
ئارقىدىن پەرۋەردىگار سىئون تېغىدا خەلق يىغىلغان يەردە كۈندۈزى بۇلۇتنى، كېچىسى يالقۇنجاپ تۇرغان بىر يورۇقلۇقنى پەيدا قىلىدۇ. ئۇنىڭ شان-شەرىپى پۈتكۈل زېمىنغا سايىۋەن بولىدۇ.
رەزىل ئىنسانلار نىجاتسىز قالار، ئېتىبار بەرمىگەچ ئەمرلىرىڭگە ئۇلار.
ئەلى سامۇئىلغا: _ بېرىپ، جايىڭدا ياتقىن، ئەگەر يەنە چاقىرسا، سەن: «ئى پەرۋەردىگار، سۆزلەۋەرگىن، قۇلۇڭنىڭ قۇلىقى سەندە!» دېگىن، _ دېدى. سامۇئىل بېرىپ ئۆز ئورنىدا ياتتى.
ئۇلار چوقۇم ئۆزئارا: «پەرۋەردىگار نېمە دەپ جاۋاب بەردى؟» ياكى «پەرۋەردىگار نېمە دەيدۇ؟» دەپ سورىسۇن.
ھەممە ئادەم: «پەرۋەردىگار نېمە دەپ جاۋاب بەردى؟» ياكى «پەرۋەردىگار نېمە دەيدۇ؟» دەپ سورىسۇن.
چۈنكى مەن سىلەرگە نېمە ئىشلارنى ئورۇنلاشتۇرغانلىقىمنى بىلىمەن. مەن سىلەرگە شۇنى ئېيتىپ قويايكى، مېنىڭ سىلەرگە زەخمەت يەتكۈزىدىغان ئەمەس، بەلكى سىلەرنى گۈللەندۈرۈپ، ئۈمىدكە تولغان كەلگۈسىنى ئاتا قىلىدىغان ئورۇنلاشتۇرۇشۇم بار.
ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: _ ئەي ئادەم بالىسى، سۆزلىرىمنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلا، ئېسىڭدە مەھكەم تۇت.
مەن كۆزىتىش مۇنارىدا كۆزەتچىلىك، سېپىلدا قاراۋۇللۇق قىلىمەن. قاراپ باققاي، پەرۋەردىگار ماڭا قانداق جاۋاب بېرەركىن. پەرۋەردىگار قىلغان شىكايىتىمگە جاۋاب بەرگەندە، ئۇنىڭغا نېمە دېيىشىمنى ئويلاپ كۆرىمەن.