Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




زەبۇر 85:6 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

6 شادلىنىشى ئۈچۈن سەندىن خەلقىڭنىڭ بىزنى قايتا گۈللەندۈرۈپ قويمامسەن؟

Gade chapit la Kopi




زەبۇر 85:6
15 Referans Kwoze  

ئى پەرۋەردىگار، سېنىڭ شۆھرىتىڭنى ئاڭلىدىم، ئەيمىنەرمەن ئۇلۇغۋار ئىشلىرىڭدىن، ئى پەرۋەردىگار. زامانىمىزدا شۇ ئىشلارنى قايتا قىلغايسەن، شۇ ئۇلۇغۋار ئىشلىرىڭنى كىشىلەر بىلسۇن. غەزەپلەنگەندىمۇ رەھىمدىللىكىڭنى ئېسىڭدىن چىقارمىغايسەن.


بىزلەر ھەرگىز سەندىن ئايرىلمايمىز شۇندا، گۈللەتكىن بىزنى، ئىبادەت قىلىمىز ساڭا.


ئەڭ ئۇلۇغ، يۈكسەك، مەڭگۈ مەۋجۇت، نامى مۇقەددەس بولغۇچى مەن پەرۋەردىگار مۇنداق دەيمەن: مەن ئەڭ بۈيۈك، ئەڭ مۇقەددەس جايدا تۇرىمەن، ۋاھالەنكى، چىن قەلبىدىن توۋا قىلغان كىچىك پېئىللار بىلەن بىللە بولىمەن، كىچىك پېئىللارنىڭ روھىنى ئويغىتىمەن، توۋا قىلغانلارنىڭ قەلبىنى يېڭىلايمەن.


ھەر سەھەردە قاندۇرساڭ گەر بىزنى چىن مۇھەببىتىڭگە، ھەر كۈن ئالقىش ياڭراتقايمىز سېنىڭ قۇتلۇق شەنىڭگە.


ئىككى كۈن ئۆتۈپلا ئۇ بىزنى قايتا ھاياتلىققا ئېرىشتۈرىدۇ، ئۈچىنچى كۈنى كەلگەندە، ئۇ بىزنى ئورنىمىزدىن دەس تۇرغۇزىدۇ. شۇنداق قىلىپ، بىز ئۇنىڭ ھۇزۇرىدا ياشايمىز.


ماڭا ئازاب-كۈلپەتلەرنى كۆرسەتكىنىڭ، دەل گۆر ئاغزىدىن مېنى تارتىپ ئېلىپ، جانلاندۇرۇپ يېڭى ھاياتقا باشلىغىنىڭ.


ئېھ، سىئوندىن چىقىپ كەلسە ئىدى نىجاتلىق ئىسرائىللارغا! ياقۇپ ئەۋلادلىرى شادلىنار، ئىسرائىللار چۆمەر خۇشاللىققا، خۇدا ئاسارەتتىكى خەلقىنى ھۆرلۈككە چىقارغاندا.


يۈرسەممۇ گەر كۈلپەتلەردە مەن، ئۆزۈڭ مېنى روھلاندۇرىسەن. توسۇپ سەن دۈشمەنلىرىم غەزىپىنى، قۇتقۇزىسەن ئوڭ قولۇڭ بىلەن مېنى.


يەنە بىر قېتىم شادلىق ئاۋازلىرى، كۈلكە سادالىرى ۋە توي قىلغان قىز-يىگىتلەرنىڭ خۇشال ئاۋازلىرى ئاڭلىنىدۇ. ئادەملەر مىننەتدارلىق قۇربانلىقلىرىنى ئېلىپ، مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىغا بېرىپ، مۇنداق ناخشا ئېيتىدۇ: ‹قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارغا شۈكۈر ئېيتىڭلار! چۈنكى پەرۋەردىگار شاپائەتلىكتۇر، ئۇنىڭ مېھىر-مۇھەببىتى مەڭگۈلۈكتۇر!› مەن پەرۋەردىگار سىلەرگە ئېيتىمەنكى، بۇ زېمىن بۇرۇن قانداق گۈللەنگەن بولسا، مەن ئۇنى شۇنداق ئەسلىگە كەلتۈرىمەن.


خۇشال بولسۇن ئىسرائىللار ياراتقۇچىسىدىن، شادلانسۇن سىئوننىڭ پەرزەنتلىرى پادىشاھى خۇدادىن.


تەرك ئەتتىڭ بىزنى نېچۈن ئى خۇدا، بىزنى شۇنداق مەڭگۈ ئۇنتۇپ قالامسەن؟ سېنىڭ ئىلكىڭدىكى بىزدەك قويلىرىڭغا نېچۈن غەزەپ ئوتلىرىڭنى چاچىسەن؟


ئۆچمەس مۇھەببىتى ئەمدى بىزگە ئۆچتىمۇ؟ ۋەدىلىرى مەڭگۈگە ئىناۋەتسىز بولدىمۇ؟


سەن دائىم بىزدىن ئاچچىقلىنىپ يۈرەمسەن؟ سەن بىزگە مەڭگۈ غەزەپلىنەمسەن؟› دەيسىلەر. بىراق سىلەر ئۆزۈڭلار قىلالايدىغانلىكى يامان ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى قىلىۋېرىسىلەر.»


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite