5 بىزگە خۇدا ئەبەدىي غەزەپلىنىپ تۇرامسەن؟ غەزىپىڭنى ئەۋلادتىن-ئەۋلادقىچە سوزامسەن؟
ئى پەرۋەردىگار، غەزىپىڭ قاچانغىچە، مەڭگۈگىمۇ؟! ئوت بولۇپ يانغان غەزىپىڭ بېسىلارمۇ؟
ئى پەرۋەردىگار _ قۇدرەتلىك سەردار خۇدا، غەزىپىڭدىن قوبۇل كۆرمەي دۇئايىمىزنى، قاچانغىچە رەت قىلارسەن بىزلەرنى؟
تەرك ئەتتىڭ بىزنى نېچۈن ئى خۇدا، بىزنى شۇنداق مەڭگۈ ئۇنتۇپ قالامسەن؟ سېنىڭ ئىلكىڭدىكى بىزدەك قويلىرىڭغا نېچۈن غەزەپ ئوتلىرىڭنى چاچىسەن؟
قىلىچ ئاستىدا ئۆلىدۇ ياكى تۇتقۇن قىلىنىپ، چەت دۆلەتلەرگە ھەيدىلىدۇ. خۇدانىڭ يەھۇدىي ئەمەسلەرگە بەلگىلەپ بەرگەن ۋاقتى توشقۇچە، ئۇلار يېرۇسالېمنى ئاياغ ئاستى قىلىدۇ.
قايسى ئىلاھ ساڭا ئوخشاش كەچۈرۈمچان؟! قايسى خۇدا ساڭا ئوخشاش سۈرگۈندىن ھايات قالغان ئۆز خەلقىنىڭ گۇناھلىرىنى كەچۈرگەن؟ سېنىڭ غەزىپىڭ مەڭگۈلۈك ئەمەستۇر، چۈنكى سەن مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىشتىن خۇرسەن بولىسەن.
ئى پەرۋەردىگار، قاچانغىچە ئۆزۈڭنى مەندىن قاچۇرىسەن؟ قەھر-غەزەپ ئوتۇڭنى قاچانغىچە كۆيدۈرىسەن؟
خۇدا شەپقەت قىلىشنى ياكى ئۇنتۇپ قالدىمۇ؟ رەھىمدىللىك ئورنىنى ياكى غەزەپ ئالدىمۇ؟ سېلاھ
شۇڭا پەرۋەردىگارى بۇ زېمىنغا غەزەپلىنىپ، ئەھدىسىگە پۈتۈلگەن بارلىق قارغىشلارنى بۇ زېمىنغا چۈشۈرۈپتۇ.
ئى خۇدا، ئازاب سالدىڭ ئۆز خەلقىڭگە، جازا شارابىنى ئىچكۈزدىڭ بىزگە.
لېكىن مەن پەرۋەردىگارغا تەلپۈنىمەن، قۇتقۇزغۇچىم خۇدانى كۈتىمەن. خۇدايىم ئىلتىجايىمغا چوقۇم قۇلاق سالىدۇ.