Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




زەبۇر 85:3 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

3 ئاچچىقىڭنى يۇتۇۋېتىپ ئىچىڭگە، ئوتتەك يانغان قەھرىڭنى باسقانىدىڭ.

Gade chapit la Kopi




زەبۇر 85:3
17 Referans Kwoze  

شۇڭا خۇدا ئۇلارنى ھالاك قىلماق بولغانىدى، لېكىن خۇدا تەرىپىدىن تاللانغان مۇسا چىقىپ رەھىم تىلەپ خۇدانىڭ غەزىپىنى باسقانىدى.


يوقىتىشقا تېگىشلىك ھېچقانداق بىر نەرسىنى ساقلاپ قالماڭلار. شۇنداق قىلساڭلار، پەرۋەردىگار ئۆز غەزىپىدىن يېنىپ، سىلەرگە رەھىم-شەپقەت كۆرسىتىدۇ. ئۇ ئەجدادلىرىڭلارغا بەرگەن ۋەدىسى بويىچە سىلەرنى كۆپەيتىدۇ.


كىم بىلىدۇ، بەلكىم خۇدا نىيىتىدىن، قەھر-غەزىپىدىن يېنىپ، بىزنى ھالاك قىلمامدۇ تېخى!»


شۇ چاغدا يېرۇسالېم خەلقى مۇنداق دەيدۇ: «شۈكۈر ئېيتىمەن ساڭا پەرۋەردىگار، گەرچە سەن ماڭا غەزەپلەنگەن بولساڭمۇ، يېنىپ ھازىر سەن غەزىپىڭدىن، بەردىڭ ماڭا تەسەللى.


ئۇ چوغنى ئاغزىمغا تەگكۈزۈپ قويۇپ: _ قارا، بۇ چوغ لەۋلىرىڭگە تەگكۈزۈلدى، ئەمدى ئەيىبلىرىڭ يۇيۇلدى، گۇناھلىرىڭ كەچۈرۈلدى، _ دېدى.


بىراق خۇدا يەنىلا رەھىمدىل بولغاچ، گۇناھلىرىنى كەچۈرۈپ، يوقاتمىدى ئۇلارنى، قايتا-قايتا بېسىۋالدى غەزىپىنى، ھەم تۆكمىدى قەھرىنىڭ ھەممىسىنى.


ئەتىسى، يەھيا پەيغەمبەر ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئۆزىگە قاراپ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ مۇنداق دېدى: - مانا بۇ، پۈتكۈل دۇنيادىكى ئىنسانلارنىڭ گۇناھىدىن ئازاد قىلىنىشى ئۈچۈن ھازىرلانغان خۇدانىڭ قوزىسىدۇر!


ھارۇن مۇنداق جاۋاب بەردى: _ ماڭا خاپا بولمىغايسەن. بۇ كىشىلەرنىڭ يامانلىق قىلىش نىيىتىنىڭ بارلىقىدىن خەۋىرىڭ بار. ئۇلار ماڭا:


ئەي ئەللەر، خۇدانىڭ خەلقى بىلەن بىرلىكتە شادلىنىڭلار، چۈنكى پەرۋەردىگار ئۆزىنىڭ خىزمەتكارلىرى ئۈچۈن قىساس ئالىدۇ. ئۇ دۈشمەنلىرىدىن ئىنتىقام ئېلىپ، زېمىنىنى ۋە خەلقىنى گۇناھتىن پاكلايدۇ.


سەن ئەرشتىكى دەرگاھىڭدىن ئۇلارنىڭ دۇئاسى ۋە ئىلتىجالىرىغا قۇلاق سېلىپ، ئۇلارغا ياردەم قىلغايسەن ۋە ساڭا قارشى گۇناھ ئۆتكۈزگەن خەلقىڭنى كەچۈرگەيسەن.


خۇدايىڭلار مۇنداق دەيدۇ: «تەسەللى بەر، خەلقىمگە تەسەللى بەر!


يېرۇسالېمغا مۇلايىملىق بىلەن سۆزلىگىن، ئۇلارغا جاكارلىغىن: ‹سىلەرنىڭ ئازابلىق كۈنلىرىڭلار ئاخىرلاشتى، سىلەرنىڭ گۇناھلىرىڭلار كەچۈرۈم قىلىندى. سىلەر ئۆز گۇناھلىرىڭلار ئۈچۈن پەرۋەردىگارنىڭ سىلەرگە بەرگەن جازاسىنى ئىككى ھەسسە ئارتۇق تارتتىڭلار.›»


ئۇ ۋاقىت كەلگەندە، ئادەملەر ئىسرائىلىيەدە گۇناھ ئىزدىسە، گۇناھ تېپىلمايدۇ، يەھۇدىيەدىمۇ ھېچقانداق گۇناھ تېپىلمايدۇ. چۈنكى مەن ئۇ يەردە ھايات قالدۇرغانلارنى كەچۈرىمەن. بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.»


سېنىڭ بارلىق گۇناھلىرىڭنى ساقىت قىلغىنىمدا، بۇرۇن قىلغان قىلمىشلىرىڭنى ئويلاپ، نومۇس قىلغىنىڭدىن ئاغزىڭنى ئېچىشقا جۈرئەت قىلالمايسەن. بۇ مەن ئىگەڭ پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.›»


سەن يەنىلا بىزگە ئىچ ئاغرىتىسەن. ئەيىبلىرىمىزنى ئاياغ ئاستىغا، پۈتكۈل گۇناھلىرىمىزنى دېڭىزنىڭ تەكتىگە تاشلايسەن.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite