9 ئىلاھىم، كۆڭۈل بۆلگىن قالقىنىمىز پادىشاھقا، نەزىرىڭنى بەر ئۆزۈڭ تاللىغىنىڭغا.
سەپ تۈزۈشۈپ جاھاندىكى پادىشاھلار، ئورا كولىشىپ بىرلىكتە ھۆكۈمدارلار، پەرۋەردىگار ۋە ئۇ تاللىغان پادىشاھقا قارشى تۇرار.
بۇ ۋەقەلەردىن كېيىن پەرۋەردىگار ئىبرامغا چېدىردا غايىبانە ئالامەتتە كۆرۈنۈپ: _ ئىبرام، قورقما! مەن ساڭا قالقان بولىمەن ۋە ساڭا ناھايىتى زور ئىنئام ئاتا قىلىمەن، _ دېدى.
كۈچلۈك قىلىمەن بۇ يەردە داۋۇت نەسلىنى، ياندۇرىمەن ئۆزۈم تاللىغاننىڭ ئۆمۈر چىرىغىنى.
پەرۋەردىگارغا بېغىشلاپ ئېيتىڭلار يېڭى ناخشا، چۈنكى ئاجايىپ مۆجىزىلەر ئىگىسىدۇر خۇدا، مۇقەددەس بىلىكى، ئوڭ قولى زەپەر بەرگەندۇر ئۇنىڭغا.
دېمەك، قۇلۇم داۋۇتنى تاپتىم، مۇقەددەس مېيىمنى سۈركەپ بېشىغا، ئۇنى سىلەرگە پادىشاھ قىلىپ تىكلىدىم.
بىزگە قۇياش، قالقاندۇر پەرۋەردىگار ئىگىمىز، ئاتا قىلار ئۇ شان-شۆھرەت ۋە شاپائەت. دۇرۇس يولدا ماڭغانلاردىن، ئايىماس ياخشىلىقىنى تائەبەد.
دەل شۇ ئەھۋال بىزنىڭ شەھىرىمىزدە يۈز بەردى! ھىرود خان بىلەن ۋالىي پىلاتۇس رىملىق لەشكەرلەر ۋە ئىسرائىل خەلقى بىلەن بىرلىشىپ، مۇقەددەس خىزمەتكارىڭ، ئۆزۈڭ تەيىنلىگەن قۇتقۇزغۇچى ئەيساغا قارشى توپلاندى.
ئى قالقىنىمىز بولغان ئىگەم، ھالاك قىلما ئۇلارنى، ئۇنتۇمىسۇن خەلقىم ئۇلارنىڭ ھالىنى، قۇدرىتىڭ بىلەن سەرسان قىلغىن ئۇلارنى، يەرگە قاراتقىن ئۇلارنىڭ يۈزلىرىنى.
ئەمما، ئى پەرۋەردىگار قالقىنىمدۇرسەن، شان-شۆھرىتىم، قەددىمنى كۆتۈرگۈچىسەن.
دەيدۇ ئۇ: «ئۆز مۇقەددەس تېغىمدا _ تەختكە ئولتۇرغۇزدۇم پادىشاھىمنى سىئوندا.»
ئى پەرۋەردىگار خۇدا، رەت قىلمىغىن ئۆزۈڭ تاللىغان پادىشاھىڭنى، ئەسكە ئالغىن خىزمەتكارىڭ داۋۇتقا ئاتا قىلغان مەڭگۈلۈك مۇھەببىتىڭنى.
يىشاينىڭ ئوغلى داۋۇتنى خۇدا يۈكسەك قىلغاندۇر. ياقۇپ ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا ئۇنى تاللاپ پادىشاھ قىلغاندۇر. ئۇ ئىسرائىلىيەنىڭ سۆيۈملۈك مۇناجاتچىسىدۇر. داۋۇتنىڭ ئاخىرقى سۆزلىرى تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەتتۇر:
ئۇلار كەلگەن چاغدا سامۇئىلنىڭ كۆزى ئەلىئابقا چۈشتى. ئۇ ئىچىدە: «پەرۋەردىگارنىڭ تاللىغىنى مۇشۇ بولسا كېرەك» دەپ ئويلىدى.
پەرۋەردىگارغا قارشىلىق قىلغۇچىلار بىتچىت قىلىنار، ئۇ ئۆزى ئاسماندىن ئۇلارغا چاقماق چۈشۈرەر. پەرۋەردىگار پۈتكۈل دۇنيانى سوراق قىلار. ئۆزى تىكلىگەن پادىشاھقا كۈچ ئاتا قىلار، ئۆزى تاللىغان پادىشاھنىڭ قۇدرىتىنى ئاشۇرار.»
ئەي ئىسرائىللار، سىلەر نېمىدېگەن بەختلىك-ھە! قايسى خەلق سىلەرگە ئوخشايدۇ؟ سىلەر پەرۋەردىگار تەرىپىدىن قۇتقۇزۇلدۇڭلار، ئۇ سىلەرنىڭ قالقىنىڭلار ۋە ياردەمچىڭلاردۇر، سىلەرنىڭ شان-شەرەپلىك قىلىچىڭلاردۇر، دۈشمىنىڭلار قورقۇپ، سىلەرگە تىز پۈكىدۇ، سىلەر ئۇلارنىڭ دۈمبىلىرىنى دەسسەيسىلەر.»
ئى پەرۋەردىگار، قۇلاق سالغىن ساڭا قىلغان دەۋايىمغا، ئېتىبار قىلغىن مېنىڭ نالە-پەريادىمغا، كۆڭۈل قويغىن چىن، سەمىمىي دۇئايىمغا.