3 ماڭا شاھ بولغان ئى قۇدرەتلىك سەردار خۇدا، قۇربانلىق سۇپاڭنىڭ ئەتراپلىرىغا، ھەتتا قۇشقاچلار سالدى ئۇۋا، قارلىغاچمۇ جاي تاپتى بالىلىرىنى بېقىشقا.
ئى رەببىم، پاناھ بولۇپ كەلدىڭ بىزگە، ئەۋلادتىن-ئەۋلادقىچە.
كىمكى ماكان تۇتسا ئۇلۇغ خۇدانىڭ پاناھىدا، ياشار ئۇ ھەممىگە قادىر خۇدا سايىسىدا.
بىراق، ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا: - تۈلكىنىڭ ئۆڭكۈرى، قۇشنىڭ ئۇۋىسى بار. بىراق، ئىنسانئوغلىنىڭ بېشىنى قويغۇدەك يېرىمۇ يوق، - دېدى.
قۇربانلىق سۇپاڭغا بارىمەن شۇندا، بىردىنبىر شادلىقىم بولغان خۇدا ئالدىغا. چېلىپ لىرا ھەمدۇسانا ئېيتىمەن ساڭا، مېنىڭ ئىلاھىم بولغان ئى خۇدا.
ھەي قەلبىم، قايتقىن ئەمدى ئارامگاھىڭغا، چۈنكى پەرۋەردىگار ئىلتىپات ئەيلىدى ماڭا.
ئېھ ئىلاھىم، پادىشاھىم، يەتكىن مېنىڭ ھالىمغا، دۇئا قىلماقتىمەن چۈنكى ساڭا.
- ئەي يېرۇسالېملىقلار! پەيغەمبەرلەر ۋە خۇدا ئەۋەتكەن ئەلچىلەرنى چالما-كېسەك قىلىپ ئۆلتۈرگەن يېرۇسالېملىقلار! گويا مېكىيان ئۆز چۈجىلىرىنى قانات ئاستىغا ئالغاندەك، مەنمۇ سىلەرنى قانچە قېتىم ئۆز قوينۇمغا ئالماقچى بولدۇم، لېكىن سىلەر ئۇنىمىدىڭلار.
پادىشاھ داۋۇت زادوققا: _ خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقىنى قايتۇرۇپ كېتىڭلار! ئەگەر پەرۋەردىگار مەندىن رازى بولسا، مېنى قايتۇرۇپ كېلىپ، ئەھدە ساندۇقى تۇرغان ئۆينى ۋە ئەھدە ساندۇقىنى ماڭا يەنە كۆرسىتىدۇ.
كۆز ياشلىرىم مەن ئۈچۈن كېچە-كۈندۈز بولدى غىزا، «قېنى خۇدايىڭ» دېيىشەر رەقىبلىرىم دائىم ماڭا.
«ئىسرائىل خەلقىگە ئىگىمىز پەرۋەردىگار مۇنداق دەپ ئېيت: ‹سىلەرنى پەخىرلەندۈرگەن، سۆيۈندۈرگەن ۋە قەلبىڭلارنى ئىنتىلدۈرگەن مۇقەددەس ئىبادەتخانامنى بۇلغايمەن. يېرۇسالېمدا قالغان پەرزەنتلىرىڭلار قىلىچ ئاستىدا ئۆلىدۇ.