2 سېغىنىپ شۇنچىلىك بولدۇم مەن تەشنا، ئى ئىگەم ئىبادەتخانىنىڭ ھويلىلىرىغا. بولماقتا قەلبىم ۋە جىسمىم شۇنچە ئىنتىزار، ھاياتلىق بۇلىقى بولغان بىردىنبىر خۇداغا.
ئى پەرۋەردىگار، پۈتۈن كېچە قەلبىم سېنى سېغىنىدۇ، تاڭ سەھەردە روھىم سېنى ئىزدەيدۇ، سەن يەر يۈزىگە سوراققا كەلگەندە، ئىنسانلار توغرا يولنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلىپ قالىدۇ.
زارىقىمەن نىجاتلىقىڭغا، ئۈمىدىمنى باغلىغاچ كالامىڭغا.
قوللىرىم ساڭا قاراپ سوزۇلغاندۇر، ۋۇجۇدۇم چاڭقىغان زېمىندەك ساڭا تەشنادۇر.
تېنىم، قەلبىم زەئىپلەشسە ئەگەردە، قۇۋۋىتىدۇر خۇدا قەلب، تېنىمنىڭ، مەڭگۈلۈككە نېسىۋەمدۇر ئۇ مېنىڭ.
يۈرىكىم ئېزىلمەكتە، تەلپۈنۈشتىن ھۆكۈمۈڭگە.
ئەي يېرۇسالېم قىزلىرى، ئۆتۈنەي سىلەردىن، ئاشىقىمنى كۆرسەڭلار ئېيتىپ قويۇڭلار، مېنى ئۇنىڭ ئىشقى ئوتىدا كاۋاپ دەڭلار.
خۇدا نەدە تۇرار؟ بىلسەم، ئۇنىڭ تۇرىدىغان يېرىگە باراتتىم.
ئى پەرۋەردىگار، ئاسماننى يېرىپ، پەسكە چۈشكەيسەن، تاغلار ئالدىڭدا تىترىسۇن!
ئەي ياقۇپنىڭ ئەۋلادلىرى، چېدىرلىرىڭ نەقەدەر گۈزەل! ئەي ئىسرائىللار، قارارگاھلىرىڭ نەقەدەر گۈزەل!