8 ئاسسۇرىيەمۇ ئۇلارغا قوشۇلدى، ئۇلار لۇت ئوغۇللىرىغا يار-يۆلەك بولۇپ كەلگەنىدى. سېلاھ
پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى: «موئابلار بىلەن جېدەللىشىپ، ئۇرۇشۇپ يۈرمەڭلار، ئۇلارنىڭ زېمىنى بولغان ئارنى سىلەرگە بەرمەيمەن. مەن ئۇ زېمىننى لۇتنىڭ ئەۋلادلىرىغا مۈلۈك قىلىپ بەرگەنمەن.»
ئى پەرۋەردىگار، بىزگە رەھىم قىلغىن! بىز ساڭا ئۈمىد باغلاپ، كۈتۈپ تۇرىمىز. ھەر كۈنى بىزگە كۈچ-قۇدرەت بەرگىن. بېشىمىزغا كۈلپەت چۈشكەندە بىزنى قۇتقۇزغىن.
ئاسسۇر پادىشاھى تىگلات-پىلئەسەر ئىسرائىلىيە زېمىنىغا ھۇجۇم قىلدى. مىناخېم تىگلات-پىلئەسەرگە 36 توننا كۈمۈش بېرىپ، ئۇنىڭدىن پادىشاھلىق ئورنىنى ساقلاپ قېلىشنى ئۆتۈندى.
يوقشان شىبا بىلەن دىداننىڭ ئاتىسى ئىدى. ئاشۇرلار، لىتۇشلار ۋە لىئۇملار دىداننىڭ ئەۋلادلىرى ئىدى.
نىمرود زېمىنىنى ئاسسۇرغا كېڭىيتىپ، نىنەۋى، رىھوبوتىر، كالاخ ۋە رەسەن دېگەن شەھەرلەرنى بىنا قىلدى. رەسەن شەھىرى نىنەۋى بىلەن كالاخ شەھىرىنىڭ ئوتتۇرىسىدا بولۇپ، ئۇ كاتتا شەھەر ئىدى.
گىباللىق پىشقان ئۇستىلار كېمەڭنىڭ يوچۇقلىرىنى ئېتىپ تۇراتتى. دېڭىزدىكى بارلىق كېمىلەر سەن بىلەن سودا قىلاتتى.