6 مانا، ئىدوملۇقلار، ئىسمائىلنىڭ نەسىللىرى، موئابلىقلار ۋە ھاگرىلار،
پادىشاھ سائۇلنىڭ دەۋرىدە رۇبېننىڭ ئەۋلادلىرى ھاگرىلارغا قارشى ئۇرۇش قىلىپ، ئۇلارنى مەغلۇپ قىلدى ھەمدە گىلئادنىڭ شەرقىدىكى ھەممە زېمىنلىرىنى ئىگىلىۋالدى.
ئى پەرۋەردىگار، ئىدوملۇقلارنىڭ زوراۋانلىقى بولسۇن يادىڭدا، يېرۇسالېم قولدىن كەتكەن كۈنى ئۇلار دېيىشكەنىدى: «ئۇنى بۇزۇڭلار، چېقىڭلار، يەر بىلەن يەكسان قىلىڭلار.»
كېيىن موئابلار، ئاممونلار ۋە مىئۇنلارنىڭ بىر قىسمى بىرلىكتە يىھوشافاتقا ھۇجۇم قىلغىلى كەلدى.
ئەگلون ئاممونلار ۋە ئامالەكلەر بىلەن بىرلىشىپ ئىسرائىللارنى مەغلۇپ قىلىپ، خورمىزارلىق شەھەر ئېرىخانى ئىگىلىدى.
سەپ تۈزۈشۈپ جاھاندىكى پادىشاھلار، ئورا كولىشىپ بىرلىكتە ھۆكۈمدارلار، پەرۋەردىگار ۋە ئۇ تاللىغان پادىشاھقا قارشى تۇرار.
موئاب ۋەيران قىلىنىپ، قايتىدىن بىر ئەل بولالمايدۇ. چۈنكى ئۇ تەكەببۇرلىشىپ، مەن پەرۋەردىگاردىن يۈز ئۆرۈدى.