5 ئۇلار بىرگە مەسلىھەتلەر قىلىشماقتا، ساڭا قارشى ئىتتىپاقمۇ تۈزۈشمەكتە.
سەپ تۈزۈشۈپ جاھاندىكى پادىشاھلار، ئورا كولىشىپ بىرلىكتە ھۆكۈمدارلار، پەرۋەردىگار ۋە ئۇ تاللىغان پادىشاھقا قارشى تۇرار.
ئۇنىڭدىن كېيىن، دىۋە، دۇنيا پادىشاھلىرى ۋە ئۇلارنىڭ لەشكەرلىرىنىڭ ئاتقا مىنگۈچى ھەم ئۇنىڭ قوشۇنى بىلەن جەڭ قىلىش ئۈچۈن جەم بولغانلىقىنى كۆردۈم.
بۇ پادىشاھلار ئۆز قۇدرىتى ۋە ھوقۇقلىرىنى بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە دىۋىگە بېرىشىدۇ.
سۈرىيە بىلەن شىمالدىكى ئىسرائىلىيە پادىشاھلىقىنىڭ ئىتتىپاقداش بولغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەر يەھۇدىيەدىكى پادىشاھ ئوردىسىغا يېتىپ كەلگەندە، ئاخاز پادىشاھ ۋە بارلىق خەلق قورققىنىدىن، بوراندا سىلكىنگەن دەرەخلەردەك تىترەپ كەتتى.
ھەرقانداق دانالىق، ئەقىل-ئىدراك ياكى مەسلىھەت، قارشى بولسا پەرۋەردىگارغا، كارغا كەلمەس پەقەت.
بۇنىڭدىن كەنئانلىقلار ۋە بۇ زېمىندا ياشاۋاتقان بارلىق خەلق خەۋەر تاپىدۇ. ئەمدى ئۇلار بىزنى قورشايدۇ ۋە نامىمىزنى يەر يۈزىدىن يوق قىلىدۇ. ئۇ چاغدا ئۇلۇغ نامىڭنى قانداق قوغداپ قالىسەن؟
لېكىن ھازىر بۇ خەلقلەر بىزگە ھۇجۇم قىلىپ، بىزنى سەن مۈلۈك قىلىپ بەرگەن بۇ زېمىندىن قوغلىۋەتمەكچى بولۇۋاتىدۇ.
ئۇ يەنە موردىكاينىڭ يەھۇدىي ئىكەنلىكىنى بىلگەندىن كېيىن، يالغۇز موردىكاينىڭ ئۆزىنىلا جازالاش ئازلىق قىلىدىكەن دەپ قارىدى. شۇڭا ئۇ ئاخاشۋېروش ئىمپېرىيەسىدىكى پۈتۈن يەھۇدىيلارنى، يەنى موردىكاينىڭ خەلقىنى قىرىپ تاشلاشنى پىلانلىدى.
كۆڭۈللىرىدە ئويلاپ ئۇلار «بويسۇندۇرايلى بىز ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى»، كۆيدۈرۈۋەتتى خۇدانىڭ زېمىندىكى مۇقەددەس جايلىرىنى.
«كىشىلەرنىڭ نېمە دەۋاتقانلىقىغا دىققەت قىلدىڭمۇ؟ ئۇلار: ‹پەرۋەردىگار ئۆزى تاللىغان ئىسرائىلىيە ۋە يەھۇدىيەنى تاشلىۋەتتى› دەيدۇ. شۇڭا ئۇلار خەلقىمنى كۆزگە ئىلماي، ئۇلارنى بىر ئەل قاتارىدا كۆرمەيدۇ.
ئىگىمىز پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «فىلىستىيەلىكلەر ئەسىرلەردىن بېرى كۆڭۈللىرىدە ساقلاپ كەلگەن كونا ئۆچ-ئاداۋەتلىرى بىلەن يەھۇدىيەلىكلەردىن ئۆچ ئالماقچى ۋە ئۇلارنى يوقاتماقچى بولۇشتى.
ھازىر نۇرغۇن ئەللەر سىلەرگە قارشى يىغىلدى. ئۇلار: «بىز سىئوننى بۇلغايلى، ئۇنىڭ بۇلغانغانلىقىنى ئۆز كۆزىمىز بىلەن كۆرەيلى» دېيىشىدۇ.