14 كۆيدۈرۈۋەتكىن ئۇلارنى _ ئوتقا ئوخشاش ئورمانلىققا تۇتاشقان، يالقۇن كەبى تاغ باغرىغا ياماشقان.
غەزىپىم ئوتتەك يانماقتا، ئۆرتەپ تۈگىتەر پۈتۈن جاھاننى. تۇتىشىپ بۇ ئوت گۆرنىڭ تېگىگىچە يالماپ يۇتىدۇ تاغلارنى يىلتىزلىرىغىچە.
قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «شۇنداق بىر كۈن كېلىدۇكى، ئۇ كۈن خۇددى لاۋۇلداپ ئوت كۆيۈۋاتقان تونۇردەك بولىدۇ. ئۇ كۈنى تەكەببۇرلار ۋە يامانلىق قىلغۇچىلار پاخالدەك كۆيدۈرۈپ تاشلىنىدۇ. ئۇلاردىن نە يىلتىز، نە شاخ-شۇمبا قالمايدۇ.
بۇ رەزىللىك ئوتقا ئوخشاش كۆيۈپ كېتىدۇ، بۇ ئوت ئازغان ۋە تىكەنلەرنى يالماپ كېتىدۇ. كېيىن ئۇ قويۇق ئورمانلارغىمۇ تۇتىشىپ، قويۇق ئىس-تۈتەك بولۇپ يۇقىرىغا كۆتۈرۈلىدۇ.
سىلەر خۇددى ئىرماش-چىرماش بولۇپ كەتكەن تىكەنلىككە ۋە شاراب ئىچىپ مەست بولۇپ كەتكەن ئادەملەرگە ئوخشايسىلەر. سىلەر قۇرۇق سامانغا ئوخشاش پۈتۈنلەي كۆيۈپ تۈگەيسىلەر.
خۇدانىڭ غەزىپى تاشسا، كىممۇ چىدىيالىسۇن؟ كىممۇ ئۇنىڭ غەزەپ ئوتىغا بەرداشلىق بېرەلىسۇن؟ ئۇنىڭ غەزىپى خۇددى ئوتتەك ياغىدۇ. قورام تاشلار ئۇنىڭ ئالدىدا پارە-پارە بولۇپ كېتىدۇ.
پەرۋەردىگار بۇرۇنلا ئاسسۇر پادىشاھىنى كۆيدۈرىدىغان جاي تەييارلاپ قويغان. ئوت ئازگىلى چوڭقۇر ھەم كەڭ، ئۇنىڭدا نۇرغۇن ئوتۇنلار بار. پەرۋەردىگارنىڭ نەپىسى خۇددى يانارتاغ بولۇپ، ئۇنىڭغا ئوت تۇتاشتۇرىدۇ.
ئۇلار قاچان شامالدا قالغان ساماندەك، بوران ئۇچۇرۇپ كەتكەن توپاندەك بولۇپ باققان؟
گەرچە ئۇلار دېڭىز شاۋقۇنىدەك سۈرەن سېلىپ كەلسىمۇ، خۇدانىڭ ئەيىبلىشى بىلەن يىراقلارغا قېچىپ كېتىدۇ. ئۇلار خۇددى ئېدىرلىقتا شامال ئۇچۇرغان ساماندەك، بوران ئۇچۇرغان توزاندەك قېچىپ كېتىدۇ.